جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇتەخەسسىسى: يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن

日期:2023年02月17日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تىن «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا بايقاش، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە نىسىبەتەنيەنىلا ئۈنۈملۈك بولدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى ۋە ۋىرۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى زامانغا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى ۋە تەڭشىدى. ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەندىن تارتىپ، دېلتا ئۆزگەرگەن تۈپى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇم ئەھۋالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلىشقىچە، ئاندىن ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىگە قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقىچە؛ «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىش، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، كېسەل پەيدا قىلىش كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئىپتىدائىي تۈپ، دېلتا ئۆزگەرگەن تۈپى قاتارلىقلارنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ئېغىر كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈشنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش كۈچى ئاجىزلىدى، دۆلىتىمىزمۇ ۋىرۇسقا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە بولدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىدە قۇتقۇزۇشنىڭ تېخىمۇ مول تەجرىبىسىگە ئىگە بولدى. «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى كۈنسېرى مۇقىملىشىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى مۇقىم، تەرتىپلىك باسقۇچقا يۈزلەندى.

دۆلىتىمىز ئەمدىلا بىر قېتىملىق مەملىكەت خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش كەڭتارقىلىشنى باشتىن كەچۈردى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر توپىنىڭ ئومۇمىي ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، يېڭى بىر قېتىملىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن.

بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قېتىم دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىغا ئوخشاش يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كەلگۈسىدە قىسمەن رايون، قىسمەن كىشىلەر توپى، مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە ئاندا-ساندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدەقىسقا ۋاقىت ئىچىدەتېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى