شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年02月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ كې) 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈچ يىل ئىلگىرى، باش ۋەزىر ئەپەندى شىددەت بىلەن يامراۋاتقان يۇقۇمغا قارىماي جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرغانىدى. بۇ يىل جۇڭگودا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا جۇڭگو ـ كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. مەن سىز بىلەن «ئۈچ يىل بۇرۇنقى ۋەدە»مىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش يېڭى دەۋرىنى بىرلىكتە ئاچقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، كامبودژانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇھىم، زور سىياسىي قارالمىلىرى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ كامبودژانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو ـ كامبودژانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە پىلانلايدۇ ۋە ئالغا سىلجىتىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، كامبودژا تەرەپ بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى دەۋر جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ سىياسىي، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت جەھەتتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەدىن باشلاپ، جۇڭگو ـ كامبودژا «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ. سىياسىي جەھەتتە، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوللاردىكى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى»نى نۇقتىلىق قۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى كامبودژاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ، سىخانۇك ئۆلكىسىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق ئىقتىسادىي ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ، كامبودژا تەرەپنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە، «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»نى كۈچەپ قۇرۇپ، كۆلگە يېقىن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئېنېرگىيە جەھەتتە، يېشىل تەرەققىياتقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، كامبودژانىڭ سۇ ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىدۇ. خەۋپسىزلىك جەھەتتە، چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە بىرلىشىپ قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنى داۋاملىق مىنا تازىلاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادىمىيەت جەھەتتە، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ كامبودژا بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئالدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆپەيتىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كامبودژا تەرەپنىڭ مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، يەرلىكنىڭ نىشانلىق ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ياشلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

خۇڭسېن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو باھار بايرىمىدىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەيلى ئۈچ يىل بۇرۇنقى شۇ قېتىملىق زىيارەت بولسۇن، ياكى بۇ قېتىمقى زىيارەت بولسۇن، مەن كامبودژا خەلقىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئېنىق ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. كامبودژا تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ كامبودژا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىغانلىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا، كامبودژا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ۋاقتىدا قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. كامبودژا تەرەپ كامبودژا ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو چىن دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق ـ گۈرۈچ كارىدورى»نى پائال بەرپا قىلىپ، كامبودژا ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كامبودژا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كامبودژا تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، كامبودژا تەرەپ پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئەمەس، ئىدېئولوگىيە جەھەتتە قارشىلىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نى زورمۇزور يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ۋە بېسىش، رايون دۆلەتلىرىدىن تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلىش زوراۋانلىق، زومىگەرلىك قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.

كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇڭسېن ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.