مېھرىبان قەلبىڭلار ۋە داۋالاش تېخنىكاڭلار ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىڭلار، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەڭلار

日期:2023年02月11日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقىغا ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇردى

مېھرىبان قەلبىڭلار ۋە داۋالاش تېخنىكاڭلار ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىڭلار، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەڭلار

جاۋاب خەت

19ـ تۈركۈمدە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىدىكى يولداشلار:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر ئوتتۇرا ئافرىقىدا خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلدىڭلار، سىلەر ھەم ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر، شۇنداقلا دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ئەلچىلىرى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ۋەزىپىسىنى ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە ئىلگىرى ئىجرا قىلغان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدۇ، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش دەل بۇنىڭ جانلىق نامايەندىسى. سىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپادىن قورقمايدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېھرىبان قەلبىڭلار ۋە داۋالاش تېخنىكاڭلار ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2023 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى 19 ـ تۈركۈمدە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا ھەمدە چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتىنىڭ كەڭ ئەزالىرىغا سالام يوللىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ئوتتۇرا ئافرىقىدا خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل قويۇپ مۇلازىمەت قىلدىڭلار، سىلەر ھەم ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر، شۇنداقلا دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ئەلچىلىرى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ۋەزىپىسىنى ھازىر ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە ئىلگىرى ئىجرا قىلغان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدۇ، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش دەل بۇنىڭ جانلىق نامايەندىسى. سىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپادىن قورقمايدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، چەكسىز مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېھرىبان قەلبىڭلار ۋە داۋالاش تېخنىكاڭلار ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 1963 ـ يىلى، دۆلىتىمىز ئالجىرىيەگە تۇنجى چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەن. 60 يىلدىن بۇيان، ئافرىقا، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەسى، ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەدىكى 76 دۆلەت ۋە رايونغا جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىم داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنى ئەۋەتىپ، 290 مىليون ئادەم قېتىم ئاغرىقنى داۋالاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى پۈتۈن يەر شارىدا 56 دۆلەتتىكى 115 داۋالاش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمغا يېقىنى چەت، يىراق، جاپالىق رايونلاردا. يېقىندا، 19 ـ تۈركۈمدە ئوتتۇرا ئافرىقىغا ياردەم بېرىۋاتقان جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىدىكى 11 ئەترەت ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ـ ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.