شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى، سۇرىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2023年02月08日
来源:天山网
【字体:

تۈركىيە، سۇرىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى، سۇرىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە، سۇرىيەدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر، زور ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىڭلار ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئاپەتنىڭ تەسىرىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، يۇرت - ماكانىڭلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.