شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، دادائىينىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年01月28日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بوب دادائىيگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ باش ۋالىيلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو - پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي دادائىي بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.