2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2023年01月21日
来源:天山网
【字体:

(2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى)

شى جىنپىڭ

يولداشلار، دوستلار:

دېھقانلار كالېندارى بويىچە گۇيماۋ توشقان يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن بىز بۇ يەرگە خۇشال ـ خۇرام جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىمەكتىمىز.

ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن! كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن!

دېھقانلار كالېندارى بويىچە رېنيىن يولۋاس يىلى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يولۋاستەك جۇشقۇن غەيرىتى، يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلىشتەك غەيرەت ـ شىجائىتى، ئېگىلمەس ـ سۇنماس جاسارىتى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بېكىتتۇق. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يۈكسەك جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى نىشانغا قاراپ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ قايتا ئاتلاندى!

بىر يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلىدۇق، ئاشلىقتىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئالدۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۇختا كاپالەتلەندۈردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز تارقالدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتتۇق. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يەنىلا كۈچەۋاتىمىز، تاڭ نۇرى ئالدىمىزدىلا، بىز پەقەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، قەتئىي بوشاشمىساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جەزمەن ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ۋە مۇسابىقە نەتىجىسىدە قوش مول ھوسۇل ئالدۇق، بېيجىڭ يەرشارىدىكى تۇنجى «قوش ئولىمپىك شەھىرى»گە ئايلاندى.

بىز شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلىدۇق. بىز بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە زور كۈرەشنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدۇق. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇھىتقا مۇقىملىق بېغىشلىدۇق.

بۇ بىر يىلدىكى نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت پارتىيە ۋە خەلق باشتىن ـ ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىسىلا، ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

يولداشلار، دوستلار!

2023 ـ يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. بىز مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، ئۇدۇل يول يوق، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشلا بار. پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەسلىك، قۇرۇق نام ـ ئاتاق قوغلاشماسلىق كېرەك؛ ئەستايىدىل، پۇختا ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلماسلىق، قارىغۇلارچە قاراملىق قىلماسلىق كېرەك؛ راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، يۈزەكى ئىش قىلماسلىق، كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىيەتكە سەل قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي ـ تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ، تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ شانلىق ئۆتمۈشنى ياراتتۇق، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، توشقان خاسىيەتلىك توشقان، ئاق توشقان دەپ ئاتىلىپ، زېرەكلىككە، چاققانلىققا، پاكلىققا، ئاق كۆڭۈللۈككە، تىنچلىققا، گۈزەللىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇتلۇق توشقان يىلى جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ تېخىمۇ تىنچ ـ ئىناق بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە توشقان يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنىڭ خۇددى توشقاندەك چەبدەسلىك بىلەن ئالغا ئاتلىنىپ، ئۇچقاندەك چېپىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە تۆھپە يارىتىشتا بەسلىشىپ، سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھەممە ئائىلىلەر جەم بولىدىغان مۇشۇ پەيتتە، يەنە نۇرغۇن كىشى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ئۆزلىرىنىڭ يارقىن ئىزلىرىنى قالدۇرماقتا. بىز بۇ خالىس تۆھپىكارلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا، توشقان يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

كۆپچىلىككە رەھمەت!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)