جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2023年01月21日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېھقانلار كالېندارى بويىچە رېنيىن يولۋاس يىلى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بوران ـ چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يولۋاستەك جۇشقۇن غەيرىتى، يولۋاس ئۇۋىسىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلىشتەك غەيرەت ـ شىجائىتى، ئېگىلمەس ـ سۇنماس جاسارىتى بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

لى كېچياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ئىللىقلىققا تولغانىدى، ھەر ساھەدىكى زاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيداندا شاد ـ خۇرام ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بېكىتتۇق. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلىدۇق، ئاشلىقتىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئالدۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مال باھاسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۇختا كاپالەتلەندۈردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزلۈكسىز تارقالدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتتۇق. بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك تېجەشلىك، بىخەتەر، قالتىس بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلدۇق. بىز شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلىدۇق. بىز بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە زور كۈرەشنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدۇق. بىز جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا مۇھىتقا مۇقىملىق بېغىشلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ بىر يىلدىكى نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت پارتىيە ۋە خەلق باشتىن ـ ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىسىلا، ھەرقانداق بوران ـ چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 ـ يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. بىز مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، ئۇدۇل يول يوق، پەقەت ئەمەلىي ئىشلەشلا بار. پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش، قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەسلىك، قۇرۇق نام ـ ئاتاق قوغلاشماسلىق كېرەك؛ ئەستايىدىل، پۇختا ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلماسلىق، قارىغۇلارچە قاراملىق قىلماسلىق كېرەك؛ راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، يۈزەكى ئىش قىلماسلىق، كۆرۈنۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىيەتكە سەل قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر دائىم غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي ـ تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر ھامان نىشانغا يېتىدۇ، تارىخ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ شانلىق ئۆتمۈشنى ياراتتۇق، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، توشقان خاسىيەتلىك توشقان، ئاق توشقان دەپ ئاتىلىپ، زېرەكلىككە، چاققانلىققا، پاكلىققا، ئاق كۆڭۈللۈككە، تىنچلىققا، گۈزەللىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قۇتلۇق توشقان يىلى جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ تېخىمۇ تىنچ ـ ئىناق بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە توشقان يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنىڭ خۇددى توشقاندەك چەبدەسلىك بىلەن ئالغا ئاتلىنىپ، ئۇچقاندەك چېپىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە تۆھپە يارىتىشتا بەسلىشىپ، سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە پايتەختتىكى ھەرساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار. ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.