«چېگرا رايون تەبەسسۇم سەپىرى» تۈرى باشلاندى

日期:2023年01月12日
来源:天山网
【字体:

پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 61 توشقان كالپۇك بالا ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىنىدۇ

مەنبە: تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلى ئىجادىيىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاش تۈرى «چېگرا رايون تەبەسسۇمسەپىرى» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا باشلىنىپ يولغا قويۇلدى، بۇ تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 61 نەپەر توشقان كالپۇك بالا ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىپداۋالىنىدۇ.

«چېگرا رايون تەبەسسۇم سەپىرى» تۈرىچېگرا رايوندىكى توشقان كالپۇك بالىلارنى داۋالاپ، ئۇلارنى ھەقسىز تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاۋاز مەشىقى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانبولۇپ، يەنە شۇ جاينىڭ ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى تېببىي ئىختىساسلىقلار كۈچەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنتوشقان كالپۇك ئوپېراتسىيەسى قىلغان دوختۇرخانا بولۇپ، مۇكەممەل بولغان غەيرىي ئۇنىۋېرسال تىپلىق توشقان كالپۇك بالىلارنى تەرتىپ بىلەن داۋالاش تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 2000-يىلىدىن بۇيان، بۇ دوختۇرخانا جەمئىي 2100دىن ئارتۇق توشقان كالپۇك ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ تۈرلۈك توشقان كالپۇكمەخسۇس فوند تۈرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. 2022-يىلى، بۇ دوختۇرخانا«چېگرا رايون تەبەسسۇم سەپىرى» تۈر دوختۇرخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، قومۇل، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا تاسقاپ تەكشۈرۈشنىقانات يايدۇرۇپ، 116 توشقان كالپۇك بالىنى تاللاپ چىقىپ، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 40توشقان كالپۇك بالىنى ئوپېراتسىيە قىلدى. 3-تۈركۈمدىكى 21 بالا قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

«توشقان كالپۇك ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۈز قىسمىدا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل تۇغما غەيرىيلىك. بۇ قېتىم تاسقاپ تاللانغان بالىلارنىڭ غەيرىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئوپىراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. شىنجاڭدىكى بالىلارنى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە داۋالاش ئۈچۈن، جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى جەمئىيىتى توشقان كالپۇككەسپىي كومىتېتىمەخسۇس مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، بىزنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى-ئېڭەك-چىراي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى جۈن شۇنداق دېدى: «توشقان كالپۇكنى داۋالاش كالپۇك يېرىقى ۋە تاڭلاي يېرىقىنى داۋالاشقا بۆلۈنىدۇ، كالپۇك يېرىقىنى داۋالاش ئادەتتە بالىلار 6__3 ئايلىق بولغاندا ئېلىپ بېرىلىدۇ، تاڭلاي يېرىق ئېغىزنىداۋالاش ئادەتتە بالىلار 2__1 ياشقا كىرگەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ، توشقان كالپۇكنى داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوختۇرخانا بالىلارنىڭ تارتۇق ئىزىنى داۋالاپ، ئۇلارغا ئاۋاز مەشىقى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن، نورمال ياكى نورمالغا يېقىنلاشقان ھالەتتىكى تىل سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنى نورمال پىسخىكا ۋە ھالەت بىلەن جەمئىيەتكە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

«جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى جەمئىيىتىنىڭ‹چېگرا رايون تەبەسسۇم سەپىرى›تۈرى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسىنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ توشقان كالپۇكنى تۈزەش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى ياڭ يىنىڭ.