شى جىنپىڭ سىلوۋېنىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇسارغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年12月25日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ناتاشا پىرس مۇسارغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سىلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سىلوۋېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇسار بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ سىلوۋېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.