يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن

日期:2022年12月24日
来源:天山网
【字体:

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> ئاساسىنى ياخشى ساقلاش − ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشتىكى <تۇراقلاشتۇرغۇچ>. بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتى ياخشى تەرەققىي قىلسا، پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ».

يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ - ئامان بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى، كەڭ يېزا - كەنتلەردە گۈللەپ ياشنىغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، يۈز مىليونلىغان دېھقان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۈمىدكە تولغان ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلدى.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش:

«دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»

قىش پەسلىدە، شىمالدىكى كۈزگى بۇغداي قىشتىن ئۆتمەكتە ئىدى، نەنخەي دېڭىزى ساھىلى بولسا تېرىقچىلىقنىڭ دەل ۋاقتى بولۇپ، خەينەن سەنيا جەنۇبتا كۆپەيتىپ سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالدىراش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

ياجوۋ رايونىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ زىرائەت سورتىنى يېتىشتۈرۈش خەينەن بازىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى كۆممىقوناق سورتىنى يېتىشتۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئۇرۇق سېلىپ، كۆممىقوناق تۈپىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ جايدا بارلىققا كەلگەن ئەلا سورتلار پۈتۈن مەملىكەتتە كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلدى. ئون كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى شەھىرى قەد كۆتۈرمەكتە ئىدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياجوۋۋەن ئۇرۇقچىلىق تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئۇرۇقلۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتساقلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتالايمىز، ئاندىن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

بۇ كۆرۈنۈش كەڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، مىليونلىغان دېھقانغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش شەرت.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا، يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

− ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچ باشتىن - ئاخىر چىڭىتىلىپ، ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇلدى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكى باش شۇجىنىڭ قەلبىدىكى «مەڭگۈلۈك تېما». باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللايدىغان كاپالەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلار ۋە دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1 تىرىليون 373 مىليارد 100 مىليون جىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 7 مىليارد 400 مىليون جىڭ ئاشقان، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا سەككىز يىل مۇقىم ھالدا 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولغان.

باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۇدا نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىمالدا ئاز كۆرۈلىدىغان كۈزلۈك كەلكۈن مەملىكەت بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىم كۈزگى بۇغداينىڭ كېچىكىپ تېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، يازدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا، قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى ئۆسۈش، قىسمەن جايلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبېرىش قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسلارنى باشتىن كەچۈردى. ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھەرقايسى رايونلار سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش پەن - تېخنىكىسىنى قوللىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىقنى تۇتۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ پۇختىلاندى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق بولغان جەمئىي 1 مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلايدۇ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈلگەن سورت كۆلىمى %95تىن يۇقىرى بولۇپ، جۇڭگو ئاشلىقىغا ئاساسلىقى جۇڭگو ئۇرۇقلۇقىنى ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

− يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ماكرو يېمەكلىك قارىشى تۇرغۇزۇلۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ماركا يارىتىش، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشىلىرىنى تاللاش، ناچارلىرىنى شاللاش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تاماق ئۈستىلىدىكى ئۆزگىرىشنى بىر گەنجۈدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قىش پەسلىدە، گەنجۈ كىشىلەرگە مەززىلىك تەم ۋە ساغلاملىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ گەنجۈلىرى پەقەت 9 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 1 - ئايغىچىلا بازارغا سېلىناتتى، بۈگۈنكى كۈندە، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يېڭى مېۋىلەر بازارغا سېلىنىدىغان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەنزى، جۈزى، چېڭزى، يوۋزى، جىنگەن، لىمون قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سورتنى يېڭىلاش، تولۇق پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىش، شېخىدا تۇرغۇزۇپ يېڭى پېتى ساقلاش، يوپۇق يېپىپ كېيىن يىغىۋېلىش، يىغىۋالغاندىن كېيىن يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى ھەم ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنىڭ «شىفىرى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، دادۇر ياغلىق دان تېرىلغۇ كۆلىمى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئاشتى، ئەلا سۈپەتلىك شال، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئېلاستىكلىقى ئاجىز بۇغداي قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللاشتى. كۆكتات - مېۋە چېيى، چوشقا گۆشى، قوي گۆشى، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىردەك دۇنيا بويىچە باش ئورۇندا تۇردى.

− يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، سىجىل بولغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ساننى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىشتىن سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە، بايلىق مۇھىم ئامىلى سېلىنمىسىغا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە، يىرىك تىپتىكى ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى %57.2تىن 2021 - يىلىدىكى %72كە ئۆستى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى %54.5تىن %61تىن كۆپرەككە ئۆستى. ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېز تەرەققىي قىلدى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ قەدىمى تېزلەشتى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىجىل كۈچەيتىلدى. ھەرقايسى رايونلار تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بايلىق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قوغداشنى يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيى ۋارونكىسىمان رايونى، تۇپراقنىڭ ئېغىر مېتالدىن بۇلغىنىش رايونى قاتارلىقلارنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ۋادىلاردىكى سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

− يېزا ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇستەھكەملىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدىكى «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»قا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس مۇستەھكەملەندى.

يەر خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى.

2016 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇي فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدە يېزا ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «<يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، يېزىلارنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، دېھقانلارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىگە چېتىلدى. پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ھەم ئۇنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دېھقانلار خاتىرجەم قىلىندى. 2021 - يىلى يەر ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش كۆلىمى 557 مىليون مو بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، تۈرلۈك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 41 مىڭغا يېتىپ، يەككە دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانى كەڭ يېزا - كەنتلەردە ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلدى.

يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش:

«ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تاغلار يېشىل، سۇلار سۈزۈك، ئاسمان كۆك، يەرلەر يېشىل، كەنتلەر گۈزەل، خەلق ئىتتىپاق بولغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى قايتا نامايان قىلىش كېرەك.»

يېزا - كەنتلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيە توسۇقى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق مۇھىم فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان. يېزىلارنىڭ مۇھىتى ئاشلىق، كۆكتات، سۇ، شەھەر - بازار ئارقا گۈللۈكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياخشى بولغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كەڭ دېھقانلارنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى.

«ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يېزىلارنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى ۋە قىممەتلىك بايلىقى. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەبىئىي دەسمايىسىنىڭ قىممىتىنى تېز ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» 2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ شۇنداق دېدى.

− كەنتنىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى يېشىللاشتى.

يوللار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەخلەت ساندۇقى قويۇلغانىدى، تازىلىق قىلغۇچى خادىملار ئەخلەتلەرنى پات - پات مەركەزلىك تازىلاپ تۇراتتى... ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانخوت شەھىرى ئۇلانخاد بازىرى سەنخې كەنتىگە كىرگەندە، گۈزەل يېزا - كەنت مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ.

ئىلگىرى، بۇ جايمۇ «بۇلغانغان، قالايمىقان، ناچار» ئىدى. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شۇ جاي «ئاھالىلەر تۈرگە ئايرىش، كەنت يىغىش، بازار يۆتكەپ توشۇش، شەھەر بىرتەرەپ قىلىش»تەك ئەخلەت بىرتەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى قوللاندى. كەنتنىڭ تازىلىق مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپلا قالماي، پۇقرالارمۇ سەپەرۋەر قىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، بىر مۇھىم ۋەزىپە يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تاغلار يېشىل، سۇلار سۈزۈك، ئاسمان كۆك، يەرلەر يېشىل، كەنتلەر گۈزەل، خەلق ئىتتىپاق بولغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى قايتا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى رېئاللىققا ئايلانماقتا، سەنخې كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا - كەنتلەر قىياپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى» ۋە «يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بەش يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئۇدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزىلاردىكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ئۈزلۈكسىز گۈزەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەتراپىدىكى «كىچىك ئىش»لارنى پۇختا ھەل قىلىپ، يارقىن جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى، يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىپ توشۇپ بىر تەرەپ قىلىدىغان تەبىئىي كەنتلەرنىڭ نىسبىتى مۇقىم ھالدا %90تىن يۇقىرى بولۇشنى ماس ساقلىدى، يېزىلاردا تۇرمۇش يۇندىسىنى قالايمىقان قويۇپ بېرىش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن باشقۇرۇپ تىزگىنلەندى.

يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەشتە پائال نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يېزا ئىگىلىكىدە پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، 2021 - يىلى دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2015 - يىلىدىكىدىن %17تىن كۆپرەك ۋە %13.8 ئازايدى. مەملىكەت بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى قىغ - ماياقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى %76تىن كۆپرەككە يەتتى، شاخ - شۇمبىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش نىسبىتى %88.1كە يەتتى، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %80تىن يۇقىرى بولدى.

− ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

جۈمەكنى ئېچىشى بىلەن، سۈزۈك تۇرۇبا سۈيى شارقىراپ چۈشتى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ شەھىرى باۋۋەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق باۋ چېڭيۈن ئۆز ئۆيىنىڭ كۆكتاتلىقىدىن ئېلىپ چىققان چىڭسەينى يۇيۇپ تاماق ئېتىشكە باشلىدى.

تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان باۋۋەن كەنتىدە ئىزچىل سۇ كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىق بار ئىدى، ئىلگىرى قۇدۇقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن ئاھالىلەر سەھەر تۇرۇپ ئۆچىرەتتە تۇراتتى. 2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتىنىڭ سۈيى ئاخىرى كەنتكە يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بار بولۇپلا قالماي، سۇ سۈپىتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى. «ھازىر كۈندە سۇ ئىچىش مەسىلىسىدىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدىغان بولدى» دېدى باۋ چېڭيۈن ھاياجانلانغان ھالدا.

سۇ يېزا - كەنتلەرنى ئوزۇقلاندۇردى، بەخت داۋاملاشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ ئەتراپىدىكى «كىچىك ئىش»لار توپلىنىپ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتە. دۆلىتىمىز يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %84كە يەتكۈزۈپ، كەنتلەرگە توك يەتكۈزۈش، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتناش، ئوپتىك تالا ۋە 4G تورى تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى رايونلار ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك كەنت قىياپىتىنى ئېچىش بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى كىرگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى «فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى»نى بەرپا قىلدى.

− ئاممىۋى مۇلازىمەت تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولدى.

«ھازىر كېسەل كۆرسەتسەك يىراققا بارمىساقمۇ بولىدۇ، كەنتتە دوختۇرخانىدا ياتقاندا ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، سالامەتلىكىمىز تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى!» گۇيجوۋ تۇڭرېن شەھىرى يىنجياڭ تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىنجەي بازىرى گاۋفېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خۇاڭ چاۋجىن ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.

يېقىندا، خۇاڭ چاۋجىن تاغدا دېھقانچىلىق قىلىۋاتقاندا، ياۋا ھەرە چېقىۋېلىپ ھوشىدىن كېتىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكەنىدى. شىنجەي بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى يۈ شۇخۇڭ تېلېفوندا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئالاقىلىشىپ قۇتقۇزۇشقا ماڭدى. دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، خۇاڭ چاۋجىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

«ئىلگىرى بۇنداق جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئاغرىقنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا توغرا كېلەتتى.» يۈ شۇخۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر مەركىزىي كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى ئۆستى، ئامما كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتا ئادەتتە يىراققا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.

«خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، يەسلى، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.» 2021 - يىلى 7 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق تەكىتلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا - كەنت داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىدىكى «بوش قالغان نۇقتىلار»نى تارىخىي خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، يېزا داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەسلىھە ۋە ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئاجىز ھالقىلىرىنى سىجىل كۈچەيتتى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىدىن 23 مىڭى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىدىن 35 مىڭى، كەنت داۋالاش ئۆيىدىن 599 مىڭى بار بولۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز شەھەر - يېزا ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدە يەتكۈزۈش رادىئۇسى ئۇزۇن بولۇش، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى كونا بولۇش، مۇلازىمەت تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تولۇق ئويلىشىپ، يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، شەھەر - يېزا ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، كەنتلەر تېخىمۇ بىخەتەر، ئىناق بولدى. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى روشەن كۈچەيتىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى. «ئالاقە تورى+ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرگە كېڭەيدى ۋە قاپلىدى، دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش:

«يېزا خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى مۇھىم بىر ئۆلچەم − دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنىڭ تومپايغان - تومپايمىغانلىقىدا»

سەھەردە، ۋۇلىڭشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان چۇڭچىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتى سۇس تۇماندا ئۇيقۇدىن ئويغاندى. تاغ ئېگىز، جىلغا چوڭقۇر، يەر ئۈنۈمسىز بولۇپ، بۇ جاي ئىلگىرى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى 18 ئېغىر نامرات يېزا - بازارنىڭ بىرى ئىدى.

2019 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خۇاشى كەنتىگە كەلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ما پېيچىڭنىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى ئاشلىق ئامبىرىنى كۆرۈپ، ئاشخانىغا كىرىپ، تۇرمۇش، كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى.

«بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىتى پۇقرالارغا نىسبەتەن ياخشى بولسا، ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ.» 89 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ما پېيچىڭ باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كەنت چۈرۈك ئالۇچا، چۈرۈك شاپتۇل كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، باغقا يەنە شاقاقۇل قاتارلىق زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. كەنتتە جۇڭفېڭ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك بولدى.

2021 - يىلى خۇاشى كەنتىدىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كىرىمى 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارغا 150 مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى.

جۇڭگونى بېيىتىشتا، دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت.

سەككىز يىل مىسلىسىز مۇشەققەتلىك بولدى، سەككىز يىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكام ئېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلىشى، تۈرتكە بولۇشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش، سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىش قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز تېخىمۇ پۇختا ھالدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.

«ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا خىزمىتىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچ».

«يېزا خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى مۇھىم بىر ئۆلچەم − دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنىڭ تومپايغان - تومپايمىغانلىقىدا».

«ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا».

...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن - ئاخىر مەھكەم ساقلىنىپ كەلگەن ئىش مىليونلىغان دېھقاننى تېخىمۇ باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تەيخې ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى شۈ سۇڭشياڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇش، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى پۇل تاپالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت».

دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن قىلىدىغان كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى سىجىل ئېلان قىلىپ، شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى، ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە تېرىقچىلىق كىرىم سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئۆلكىلەردىكى ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، مەركەز مالىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمەلىي ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدا 40 مىليارد يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بەردى.

«ئاشلىق تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ياردەم تولۇقلىمىسى، پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئاشلىق تېرىش غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى» دېدى شۈ سۇڭشياڭ.

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش... ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. لوچۈەننىڭ ئالمىسى، گەننەننىڭ چىچېڭى، دىڭشىنىڭ ياڭيۇسى، ساڭشىنىڭ مىخوۋتاۋسى قاتارلىق بىر تۈركۈم خاس ماركىلار ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى، كۆپ خىل شەكىلدىكى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش، سەيلە قىلىش - ئۈزۈش، يەرلىك تائاملار، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە يېزا قونالغۇلىرى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ھەميېنى تېخىمۇ تومپايدى. 2021 - يىلى دۆلىتىمىز يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ 931 يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى 2.88:1دىن 2021 - يىلىدىكى 2.50:1گە كىچىكلىدى.

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەم خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك. نەچچە يۈز مىليون دېھقان زامانىۋىلىشىشقا ماس قەدەمدە ئاتلىنىپ، غايەت زور مىقداردىكى ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ. شەھەر - يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى قوش ئايلىنىش نىسبەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.

ھەم يانچۇقنى تومپايتىش، ھەم كاللىنى بېيىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا - كەنت مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، كەنتلەر بۇ خىل مەدەنىيلىكنىڭ ۋاسىتىسى، تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكى بىزنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىمىز» «مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىقتىسادى، يېزا - كەنت قانۇنچىللىقى، يېزا - كەنت مەدەنىيىتى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش، يېزا - كەنت ئېكولوگىيەسى، يېزا - كەنت پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقاتتى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتى «گۈزەل ئەخلاق بانكىسى» قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى ئىش قىلىش، گۈزەل ئەخلاق جۇغلانما نومۇرى «ئامانەت كىنىشكىسى» تارقىتىپ بېرىپ، «كىچىك ئىشنى قىلماسلىق، چوڭ ئىشنى ئاددىي قىلىش»نى تەشەببۇس قىلدى، كەنتنىڭ كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چىليەن ناھىيەسىدە، شۇ جاي پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار ئارىسىدىن خادىملارنى تاللاپ «ئۈچ پېشقەدەم»لەر لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى يىغىن زالىدىن يۆتكەپ پۇقرالارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى.

چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش، ئائىلىنى تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇش، مەدەنىي يېڭى ئىستىل يېزا - كەنتلەرگە كېڭەيدى. تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار ئاممىسى كونا ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى قىياپەتكە كىردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى تەسىس قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم يەرلىك مەدەنىيەت ۋە خەلق ئىچى سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى بارلىققا كەلدى. مەملىكەت بويىچە دېھقانلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلدى، 2014 - يىلىدىن بۇيان يېتىشتۈرۈلگەن يۇقىرى ساپالىق دېھقان 7 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى ۋە ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، بۇرچ شەرەپلىك.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

(مۇخبىرلار چى جۇڭشى، يۈ ۋېنجىڭ، گاۋ جىڭ، يەن فۇجىڭ، لى شياۋتىڭ) (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)