شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسى كىرو بىلەن جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年12月24日
来源:天山网
【字体:

​لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسى كىرو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئۆزئارا مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، نۇرغۇن «بىرىنچى»لەرنى ياراتتى. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي كىرو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمەن.

كىرو مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى. يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۇزاقتىن بۇيانقى بېرىش - كېلىش تارىخىنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ۋە پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئاردئېن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە جۇڭگونى رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىدىكى ئاچقۇچلۇق قىسىم دەپ قارايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 50 يىل بولغان پەيتتە، يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلاردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.