شى جىنپىڭ 5 ـ نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى»غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2022年12月21日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى»غا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. قەدىمىي يىپەك يولىنى ئېچىشتىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقىچە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ بۇ نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى»نى پۇرسەت بىلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۇزاققىچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

5 ـ نۆۋەتلىك «ئەرەب سەنئەت بايرىمى» شۇ كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن شەھىرىدە باشلاندى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.