شى جىنپىڭ 15 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما سۆز قىلدى

日期:2022年12月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا يازما سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنى تەسىس قىلىنغان 15 يىلدىن بۇيان، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. سودا ـ سانائەت ساھەسى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن، شۇنداقلا جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى. كەڭ سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ئېگىلمەس ـ سۇنماس، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىشتىن ئىبارەت كارخانىچىلار روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىياتنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىلىرىدىن، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى، ئېكۋادور زۇڭتۇڭى لاسسو 15 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.