شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سىنلىق شەكىلدە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 2 ـ باسقۇچلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىدۇ.