«گۈللەنگەن دەۋردە قامۇس پۈتۈپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى نى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2022年12月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«گۈللەنگەن دەۋردە قامۇس پۈتۈپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى <جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى>نى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «گۈللەنگەن دەۋردە قامۇس پۈتۈپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى <جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى>نى تۈزۈش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت گۆھىرى قايتىدىن جۇلالىنىپ، كاتتا تۈسكە كىردى. جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «گۈللەنگەن دەۋردە قامۇس پۈتۈش − <جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋىرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى> نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»دە، مىڭ يىلنى ھالقىپ ئۆتكەن رەسىملەر، پۈتۈن يەرشارىغا تارقالغان دۆلەت گۆھەرلىرى يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى نۇسخا سۈرەتلەر ئارقىلىق بىر يەرگە جەم قىلىندى، «مىڭ چاقىرىملىق تاغ - دەريالار مەنزىرىسى» «فۇچۇنشەن تېغى تۇرالغۇ مەنزىرىسى» قاتارلىق تارىخىي دەۋىرلەردىكى كىلاسسىك رەسىملەر تارىختىن «مېڭىپ چىقىپ»، نۇر ئىچىدە «جانلاندى»...

2022 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرى، 17 يىل داۋاملاشقان «جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى» مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملىنىدۇ، 60 توم 226 قىسىم تۈزۈپ نەشر قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 263 مەدەنىيەت يادىكارلىقى - مۇزېي ئاپپاراتىدىكى 12 مىڭ 405 پارچە (يۈرۈش) جۇڭگو رەسىمى ساقلانما بۇيۇمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنياغا تارقالغان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەتىۋارلىق رەسىم بۇيۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئالدىنقى چىن سۇلالىسى، بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ جاسارىتى، گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەھۋالى، كۆركەم سۇڭ سۇلالىسى جەزبىدارلىقى ۋە يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى سالاپىتى جانلىق نامايان قىلىنغان.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەستىقلىغان، يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ھەم كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن كۆلىمى زور، تارىخنى ئۇزۇنسىغا كېسىپ ئۆتكەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى توغرىسىغا ھالقىپ ئۆتكەن دۆلەت دەرىجىلىك مۇھىم، زور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى. 17 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى» سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، مول مېۋە بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە سىستېمىلىق رەتلەش، نەشر قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، زامانىمىزدىكى كوممۇنىستلارنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈردى.

ئەسەر جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە مەنسۇپ بولۇش − باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگونىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى رەسىملەر قامۇسى»نى تۈزۈش، نەشر قىلىشقا ئۆزى تۈرتكە بولدى، پۈتۈن مۇساپىلىك مەدەت بەردى؛ ئۇزاق يىللىق رەسىملەر، پۈتۈن دۇنيادا ئەتىۋارلىنىش − ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرىدىغان قەلب بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان ئەسەرلەر يارىتىلدى؛ بارچە دەريا دېڭىزغا قوشۇلۇش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش − ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا ئېستېتىكا روھىنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى.

مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قەدىمىي ئەسەرلەرنى تۈزۈش تارىخىي ئەنئەنىنىڭ داۋامى؛ دۆلەت گۆھىرىنى قايتا جۇلالاندۇرۇش پەقەت يېڭى دەۋردىلا تاماملىغىلى بولىدىغان ئۇلۇغ ئىش. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى، ئىجادىيىتىمىزنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشى مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىدۇ.