شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنىدىن 2361نى ئېلان قىلدى، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

日期:2022年12月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى پائال رەتكە تۇرغۇزۇپ، 236 كارخانا، كەسپىي ئورۇننىڭئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنىدىن2361نى توپلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ماس كېلىدىغان پىراكتىكا ئىش ئورنى 1815كە يەتتى. مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار توپىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بولغانلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشسىز ياشلار شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنىنى تەكشۈرسە ۋە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. (تور كەسمە سۈرىتى)

جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى،رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنى يېتەرلىك پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مۇناسىپ سىياسەتلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنىنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار بولغان، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلاركارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرۋە پەن تەتقىقات تۈرلىرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكاقىلىشقا تەشكىللىنىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكىغا قاتناشقانلارغا، ھەرقايسى جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، پىراكتىكا قىلدۇرغان ئورۇنلار شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50دىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا پىراكتىكانتلارغا ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بېرىدۇ.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ پىراكتىكا مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. پىراكتىكا مۇددىتى توشماي تۇرۇپلا پىراكتىكانتلار بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەمدە ئۇلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، ئېشىپ قالغان پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى پىراكتىكا قىلدۇرغان ئورۇنغا ئايمۇئاي تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ، تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىلىدىغان ئاي سانىدا پىراكتىكانتلارنىڭ ئەمەلىي ئىش ئورنىدىكى ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئېشىپ قالغان پىراكتىكا مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

پىراكتىكا مۇددىتى توشقاندا ئېلىپ قېلىش نىسبىتى %50تىن ئاشقان دۆلەت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىغا قارىتا،پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە %10 ئۆستۈرۈلىدۇ. پىراكتىكا مۇددىتى توشقاندا ئېلىپ قېلىش نىسبىتى %30تىن ئاشقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ پىراكتىكا ياردەم تولۇقلىمىسى ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە %5 ئۆستۈرۈلىدۇ. ياردەم پۇل مەبلىغى ئاساسلىقى پىراكتىكانتلارنىڭ ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى، پىراكتىكا خىزمەت خىراجىتى، پىراكتىكانتلارغا يېتەكچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش ھەققى ۋە پىراكتىكانتلارنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

نۆۋەتتە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا ئىش ئورنى «شىنجاڭ 365 ئىختىساسلىقلار تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى، ئارزۇسى بار ھەر تۈردىكى ياشلار شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تىزىملىتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىدىغان ئىش ئورنىنى تەكشۈرسە ۋە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش ئىش ئورنى توپلاش پىلانىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى قېزىپ، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ تېخىمۇ تولۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى