شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى

日期:2022年12月12日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى شۇ جاي ۋاقتى 12 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.

رىيادتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى رىياد ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى شاھزادە فايسال، دىپلوماتىيە ۋەزىرى شاھزادە فايسال، جۇڭگو ئىشلىرى ۋەزىرى رۇماييان قاتارلىق خان جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.