شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقى بويىچە «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»نى ئوتتۇرىغا قويدى

日期:2022年12月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقى بويىچە «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»نى ئوتتۇرىغا قويدى، كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى، تەرەققىياتنى قوللاش ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولغان تەرەققىيات ھەمكارلىقى ياردەم تۈرىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شارائىتى ھازىرلانغان 30 ئەرەب دۆلەتلىرى تۈرىنى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يېشىل پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ۋە ئىناۋەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايدۇ؛ ھۆججەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە %98 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىدۇ؛ پەلەستىن، يەمەن، لىۋان، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قايتا قۇرۇش ياردىمى بېرىدۇ؛ 2027 - يىلى جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سودا سوممىسىنى 430 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

ئىككىنچى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدىن بەشنى ئورتاق قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن 50نى قانات يايدۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپكە 500 يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ئەۋەتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشى، يىغىپ ساقلاش، زىياننى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن جۇڭگوغا كىرىش ئىجازىتى «يېشىل يول»ى بەرپا قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئاممىۋى سەھىيە، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مەركىزى ۋە ۋاكسىنىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىدە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ھەمكارلىقى تۈرىدىن بەشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنى ئەرەب دۆلەتلىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا داۋاملىق ئەۋەتىپ، 2000 قېتىم ھەقسىز كۆزىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئاممىسىنى يىراقتىن داۋالاش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، يېشىل يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرغاقچىلىق، چۆللىشىش ۋە يەرلەرنىڭ چېكىنىپ كېتىش خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى تۈرىدىن بەشنى يولغا قويۇشنى خالايدۇ؛ جۇڭگو فىڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ۋە بېيجىڭ دۇنيا مېتېئورولوگىيە مەركىزىدىن پايدىلىنىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى بېيدوۋنى ئەمەلىي قوللىنىش كەسىپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنى قاتناش - تىرانسپورت، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى، قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ھاياتلىق، ساغلاملىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئۇچۇر ئالاقىسى، بوشلۇق ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم بىرلەشمە تەجرىبىخانا ياكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىق مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنى 300 تۈرلۈك ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەشىنچى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىق مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 5 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە تۈرىگە قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىل، ھەققانىي، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەرشارىۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئالتىنچى، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپتىكى سىياسىي پارتىيە، پارلامېنت، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلاردىكى 1000 نەپەر زاتنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ؛ 500 جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىسىنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئۈچۈن 1000 نەپەر مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن 100 ئەسەرلەر توپلىمىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە 50 ئۈن - سىن پىروگراممىسى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىنى ئورتاق يولغا قويىدۇ؛ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسلاھات - تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يەتتىنچى، ياش ئىختىساسلىقلار ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئالىي مەكتەپلىرى 10+10 ھەمكارلىق پىلانى»نى يولغا قويىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپتىن 100 نەپەر ياش ئالىمنى جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، 3000 نەپەر ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، 10 مىڭ نەپەر ئەرەب ئىختىساسلىقلىرىنى نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ئازايتىش، سەھىيە - ساغلاملىق، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

سەككىزىنچى، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ئورتاق ھەرىكىتى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن مۇداپىئە ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش، ئارمىيە تۈرلىرى ئالاقىسى، شۆيۈەن - مەكتەپلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئۈستى خەۋپسىزلىكى، خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداش، كەسپىي تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە مانېۋىر، بىرلەشمە مەشىق ۋە خادىملارنى تەربىيەلەشنى كېڭەيتىدۇ؛ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپكە ئاقىل ساقچى ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، تور بىخەتەرلىكى قانۇن ئىجراسى قاتارلىق ساھەلەردىكى 1500 خادىمنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ؛ «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىدارە قىلىش، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىدۇ.