شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۇنىس زۇڭتۇڭى، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى، جىبۇتى زۇڭتۇڭى، قاتار ئەمىرى، كومورو زۇڭتۇڭى، سومالى زۇڭتۇڭى، بەھرەيىن پادىشاھى، يەمەن زۇڭتۇڭى رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئىراق زۇڭلىسى، لىۋان زۇڭلىسى، ئالجىرىيە زۇڭلىسى، ئومان ئىچكى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年12月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، سۈن خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۇنىسنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، تۇنىستا بىر تۈركۈم سەھىيە، تەنتەربىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، تۇنىسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ تۇنىس تەرەپ بىلەن داۋالاش - سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى، يەرلىك ۋە خەلقلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۇنىستا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ، تۇنىس تەرەپنىڭ جۇڭگودا بازارلىق خاس مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق تونۇشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تۇنىس تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ تۇنىسنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، تۇنىس تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى ئەقىل - پاراسىتى، ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۇنىس تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، تۇنىس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − تۇنىس دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سەيىد مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمىنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلەيمەن. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ھېچقانداق دۆلەت يەككە ھالدا تەرەققىي قىلالمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇپ كەلدى، سىز ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئادىمىيەت جەھەتتىكى غەمخورلۇق ۋە ئىلغار ئىدىيەگە تولغان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۇنىس − جۇڭگو مۇناسىۋىتى دوستانە مۇناسىۋەت بولۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. جۇڭگو تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان تۇنىسنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەمدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، تۇنىس تەرەپ بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. تېخىمۇ كۆپ تۇنىس ياشلىرى جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تۇنىس تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تۇنىس − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، تۇنىس تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ۋاڭ خەيجوۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو − ماۋرىتانىيە مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوڭقۇر، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى قويۇق بولدى. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ماۋرىتانىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگو تەرەپنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ماۋرىتانىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ يول، كۆۋرۈك، دوختۇرخانا قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ماۋرىتانىيە تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە، بېلىقچىلىق، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىشقا داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ماۋرىتانىيە خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتىنى ساقلاپ كەلدى، ماۋرىتانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كېلەچىكىنى يارىتىشنى خالايدۇ. ماۋرىتانىيە تەرەپمۇ جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، جۇڭگو تەرەپ ماۋرىتانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

غازۋانى مۇنداق بىلدۈردى: ماۋرىتانىيە − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ماۋرىتانىيە تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ماۋرىتانىيە تەرەپ چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم قىزىل سىزىق بولۇپ، بۇنىڭدا قىلچە تەۋرەنمەيدۇ، داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. ماۋرىتانىيە تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ماۋرىتانىيە تەرەپنى ھەر خىل خالىس ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو تەرەپ ياردەم بېرىپ قۇرغان نۇرغۇن مۇھىم ئەسلىھە ۋە تۈرلەر، جۈملىدىن ماۋرىتانىيەگە ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش ئەترىتى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. ماۋرىتانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنىڭ دوستى ۋە ھەمراھى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى، بۇ، جەزمەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە پۈتكۈل دۇنياغا مۇھىم، ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى لياڭيۇڭ، تيەن يې) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا جىبۇتى زۇڭتۇڭى جىلە بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جىبۇتى تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپكە قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، جىبۇتى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − جىبۇتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، سىياسىي پارتىيە، ئارمىيە، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ «2035 - يىل ئارزۇسى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، پورت، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەددىس ئەبېبە − جىبۇتى تۆمۈريولى قاتارلىق بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئورتاق قوغداپ ۋە ئۇنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جىبۇتى تەرەپنىڭ رايون ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ناچار كىلىماتقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغداپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جىلە مۇنداق بىلدۈردى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. جىبۇتى بىلەن جۇڭگو دوست ۋە قېرىنداش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جىبۇتى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ جىبۇتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن جىبۇتى − جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جىبۇتى تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، خاۋ ۋېيۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: قاتار تەرەپنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى قاتارنىڭ ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ، ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا يېڭى، ئاكتىپ كۈچ قوشتى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو − قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، قاتار تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپنىڭ «2030 - يىل دۆلەت ئارزۇسى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، قاتار تەرەپ بىلەن تەبىئىي گاز قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ، قاتار تەرەپنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئەرەب دۇنياسى بۈگۈنكى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم بىر مۇستەقىل كۈچ. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى ئىزچىل قوللىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، قاتار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قاتارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بولغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، قاتار تەرەپ بىلەن خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

تامىم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە بولغان تىلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىرقى دۇنيا قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىياپىتىنى نامايان قىلىشقا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو كارخانىلىرى قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەيدان - سارىيىنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالدى، ئىككى چوڭ مۈشۈكئېيىق قاتارغا يېتىپ كېلىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە خۇشال كەيپىيات قوشۇپ، قاتار − جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. قاتار − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە بىردەك پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. قاتار تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، سىرتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ، قاتار تەرەپنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس مەيدانى. قاتار تەرەپ قاتار − جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا چەكلىمە قويمايدۇ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىدۇ، قاتار − جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى ۋە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، لى لياڭيۇڭ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − كومورو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش يولىدا، كومورو بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كومورو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، كومورو تەرەپ بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كومورو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر دوستانە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كومورو تەرەپ بىلەن «2030 - يىل يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت» ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، داۋالاش - سەھىيە، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كوموروغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، كومورو تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو − ئافرىقا ئىقتىساد - سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كومورو مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئازالى مۇنداق بىلدۈردى: كومورو − جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. كومورو مۇستەقىل بولغان كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو كومورو بىلەن باشتىن - ئاخىر مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى، كومورو ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا خالىس ياردەم بەردى. جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە تەمىنلىگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى، ۋاكسىنىسى كومورو خەلقىگە زور نەپ يەتكۈزدى. مەيلى جۇڭگو كەلگۈسىدە قانداق خىرىسقا دۇچ كەلسۇن، كومورو تەرەپ داۋاملىق قەتئىي ھالدا جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. كومورو تەرەپ جۇڭگونىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق لايىھەسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوللاشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، ياڭ يىرەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا سومالى زۇڭتۇڭى مەخمۇد بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سومالى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئۆمىكىنى ئۇزاقتىن بۇيان قوللاپ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سومالىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشىگە پائال تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ سومالى تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى قوغداپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو − سومالى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سومالىنىڭ قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، بېلىقچىلىق، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

مەخمۇد مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. سومالى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، 1960 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، سومالى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ سومالىدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەمدە دوختۇرخانا قاتارلىق مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ئەسلىھەلىرىنى ياردەم بېرىپ قۇردى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، دۆلەت ئىقتىسادىنى قايتا بەرپا قىلىش جەھەتتە جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. سومالى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. سومالى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سومالى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ گوپېڭ، يۈ فۇچىڭ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا بەھرەين پادىشاھى خاماد بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ بەھرەين تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، بەھرەين تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە جۇڭگونى ئۇزاقتىن بۇيان قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەھرەين تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرىگە پائال قاتنىشىپ، سەھىيە - ساغلاملىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بەھرەين تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بەھرەين تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بەھرەيننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، بەھرەين تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك سۇپىدا ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

خاماد مۇنداق بىلدۈردى: بەھرەين - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن دوستانە مۇناسىۋەت، بەھرەين تەرەپ جۇڭگونى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ. بەھرەين ياشلىرى جۇڭگونى ياخشى كۆرىدۇ، جۇڭگوغا تەلپۈنىدۇ، كەلگۈسىنىڭ دەل جۇڭگو ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بەھرەين تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ يۇقىرى چېكى يوق، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، خۇ گۇەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا يەمەن زۇڭتۇڭى رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، يەمەندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي يول ئارقىلىق يەمەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ، يەمەننى قايتا قۇرۇشنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو - يەمەن ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ يەمەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل يارىتىشنى خالايدۇ.

ئالىم مۇنداق بىلدۈردى: يەمەننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىلىشىشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو يەمەننى نۇرغۇن ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، يەمەن خەلقى بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ، جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر. جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا يەمەن ئۈچۈن ئادالەت يولىدا ھەق سۆز قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. يەمەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ گۇەن، جياڭ گوپېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا ئىراق زۇڭلىسى سۇدانى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىراق يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. 2015 - يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - ئىراق مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇقىم ئالغا سىلجىتىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىراق تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، ئىراقتىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - ئىراق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى قايتا بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئىراق تەرەپنىڭ سانائەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىراق تەرەپنىڭ جۇڭگو خادىملىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، ئىراق تەرەپنىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىراق تەرەپنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىقى، ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، ئىراق تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۇدانى مۇنداق بىلدۈردى: ئىراق بىلەن جۇڭگودىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ ئالاقىسى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو ئىراقنىڭ ئالاھىدە دوستى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دوستانە ۋە مۇستەھكەم. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىسى. جۇڭگو ئورتاق تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىپ ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇستەملىكىچىلىك شەكلىدىكى تالان - تاراج قىلىشقا قارشى تۇردى، ئۇ كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى. ئىراق تەرەپ جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك قايىل، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى، ئۆرنەك قىلىشنى خالايدۇ. ئىراق جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىراقنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى، ئىراقنىڭ خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ گوپېڭ، خۇ گۇەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا لىۋان زۇڭلىسى مىكاتى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىۋان ئەنئەنىۋى دوست، ئىزچىل ئۆزئارا بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى. بۇلتۇر ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن لىۋاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - لىۋان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، لىۋان تەرەپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا لىۋان ئۈچۈن داۋاملىق ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى لىۋاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تىنچلىق ساقلاش بۇرچىنى داۋاملىق سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، لىۋاننىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو كۈچىنى قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپ بىلەن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، لىۋان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

مىكاتى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۇلۇغ رەھبەر، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لىۋان دۆلىتى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك. لىۋان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ لىۋاننىڭ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. لىۋان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىلەن قۇياش ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لىۋاندا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى لياڭيۇڭ، ۋاڭ خەيجوۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئابدۇراخمان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئالجىرىيە تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئالجىرىيەنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئالجىرىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن ھالدا جۇڭگو تەرەپنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئالجىرىيەنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئالجىرىيە ئۇزاقتىن بۇيان مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئالجىرىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى يارىتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ئابدۇراخمان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ئالجىرىيە تەرەپ بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئالجىرىيەگە قىممەتلىك مەدەتلەرنى بەرگەنلىكى، جۈملىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ۋاكسىنىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئالجىرىيە تەرەپ بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا ئىگە، ئالجىرىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى قوغداپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئالجىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالجىرىيە - جۇڭگو، ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ۋاڭ خەيجوۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا ئومان ئىچكى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى شاھزادە فاخېد بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئومان دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئەينى يىللاردىكى دېڭىز يىپەك يولى ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە باغلىغان. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ ئومان تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئومان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئوماننىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئوماننىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدىغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، ئومان بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

فاخېد مۇنداق بىلدۈردى: ئوماننىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو خەلقى دوستانە، ئاق كۆڭۈل خەلق، جۇڭگو تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىنچلىقنى قوغدايدىغان دۆلەت. ئومان تەرەپ ئومان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۈگۈن ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئومان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر − جۇڭگو، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.