شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مىسىر زۇڭتۇڭى، پەلەستىن زۇڭتۇڭى، سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年12月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، تيەن يې) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ كۆزقاراشلىرى بىر - بىرىگە تۇتاشقان، مەنپەئىتى بىر - بىرىگە باغلانغان، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، مىسىرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «روزا ئېيىدىكى ئون كۈنلۈك شەھەر» شەھەر ئەتراپى تۆمۈريولى ۋە يېڭى مەمۇرىي پايتەخت مەركىزىي سودا رايونىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشنى، «جۇڭگو - مىسىر سۇۋەيىش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونى» قاتارلىق مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىردىن تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى ۋە جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - مىسىر دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى شامشەيخ يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېشىل كەسىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سېسى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئورنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، مەن چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. مىسىر تەرەپ جۇڭگودەك ئۇلۇغ دوستى بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مىسىر تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مىسىرنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى، ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ شامشەيخ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم، ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ گوپېڭ، دۈەن مىنفۇ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - پەلەستىن دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى. مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىن خەلقى بىلەن باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە تۇرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن مەسىلىسىنى خەلقئارا قارالمىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» يۆنىلىشى ۋە «يەرنى قايتۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ۋە «ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى» ئاساسىدا، تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو - پەلەستىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن پەلەستىن ساياھەت ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، جۇڭگو - پەلەستىن ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - پەلەستىن ئىقتىساد - سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى زور مىقداردىكى ۋاكسىنا قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشقانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پەلەستىن تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ئابباس مۇنداق بىلدۈردى: پەلەستىن خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ. جۇڭگو پەلەستىننىڭ سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك دوستى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى باشتىن - ئاخىر قەتئىي قوللىدى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە پەلەستىن تەرەپنى ئومۇميۈزلۈك، شەرتسىز قوللىدى، بارلىق پەلەستىن خەلقى جۇڭگو خەلقىگە سەمىمىي رىشتە باغلىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا چىڭ تۇرغان مەيدانى ھەققانىي، ئادىل، ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى ئاكتىپ ھەم ئىجابىي بولۇپ، پەلەستىن تەرەپ جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. پەلەستىن تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. پەلەستىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى - جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، خۇ گۈەن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇرھان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سۇدان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش. جۇڭگو تەرەپ سۇداندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ سۇداننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، خەلقئارا سورۇنلاردا دوستى سۇدان ئۈچۈن داۋاملىق ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇدان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سۇدان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سۇداننىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، نېفىت، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنى سۇداننىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سۇداننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سۇدان بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

بۇرھان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. سۇدان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، چوڭقۇر، مۇستەھكەم. جۇڭگو تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل سۇداننىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، مەن سۇدان ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق سۇدان خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. سۇدان تەرەپ جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى قەتئىي قوللايدۇ. سۇدان تەرەپ سۇدان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇمىي مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى لياڭيۇڭ، ۋاڭ خەيجوۋ) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، كۇۋەيت تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقى، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق كۇۋەيتنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇپ، كۇۋەيت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپنىڭ «2035 - يىل دۆلەت ئارزۇسى»نى يولغا قويغانلىقىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۇۋەيت تەرەپنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، 5G خەۋەرلىشىشى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قوللاشنى خالايدۇ. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيت تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كۇۋەيتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۆھبەتلىشىش ھەمراھى ۋە ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىغا ئەزا دۆلەت بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، كۇۋەيت تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، كۇۋەيت تەرەپ بىلەن بىللە رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

مىشال مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، كۇۋەيت - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مېھرى خۇددى قېرىنداشلاردەك چوڭقۇر. جۇڭگو چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقتا چىڭ تۇردى، پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلار، يولغا قويغان مۇھىم، زور تەدبىرلەر دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو كۇۋەيتنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى. مەن بارلىق كۇۋەيت خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو سىجىل تەرەققىي قىلىدۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچىنى ئورۇندايدۇ. كۇۋەيت تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.