تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك

日期:2022年12月10日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك

تەبرىك خەت

دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، مەن ئىلمىي جەمئىيەتتىكى بارلىق يولداشلارنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دۆلەت تارىخى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دۆلەت تارىخى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەت تارىخىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىلمىي جەمئىيەتتىكى بارلىق يولداشلارنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دۆلەت تارىخى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دۆلەت تارىخى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەت تارىخىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى جۇڭگو تارىخى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو تارىخى تەتقىقاتىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراشنى تەتقىقات خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو تەتقىقات ئورنى، دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتى 1992 - يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەملىكەتلىك ئىلمىي جەمئىيەت تەشكىلاتى. ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دۆلەت تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە دۆلەت تارىخى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.