«دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئىجرا قىلغانلىقى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2022年12月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئىجرا قىلغانلىقى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى «دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئىجرا قىلغانلىقى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.

10 يىلدىن بۇيان ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىشتىن باشلاپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ پۈتۈن پارتىيەدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ بوشىشىپ قالماي، توختاپ قالماي قايتا يولغا چىقىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان توسۇلمىغان بەزى ناتوغرا خاھىشلارنى توستى، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈزىتىلمىگەن بەزى جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەتتى.

10 يىلدىن بۇيان باھار يامغۇرىدەك ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى. پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇش روھى بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي ئۈنۈم ۋە ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە خەلق قەلبىنىڭ مايىل بولۇش ياكى مايىل بولماسلىقىنى سىناپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن رەڭلىك ئىسىم كارتىسى»غا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك سۆزگە ئايلاندى.

ماقالە جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش؛ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇش؛ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستىل قۇرۇلۇشى ئاخىرلاشمايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاپ قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بەش يىللىق، ئون يىللىق بەلگىلىمە ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مەزگىل كۈچكە ئىگە پولاتتەك قائىدە، قاتتىق بەلگىلىمە.

ھوشيارلىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قاتتىق بولۇش رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش - ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇردى، پارتىيەمىز جەزمەن ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇمىي خەلقنى يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىگە ئاتلىنىدۇ!