يولداش جياڭ زېمىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ھال سورىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.