چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە خەلقئارادىكى دوست زاتلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

日期:2022年12月07日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە خەلقئارادىكى دوست زاتلار بەس ـ بەس بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

كىرودىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن ياڭليې مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قەلبىمىز چەكسىز قايغۇغا تولدى. رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 ـ ئەسىرگە ئېلىپ كىرگەن. ئۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

جەنۇبىي ئافرىقا خۇارېن ساقچى ـ خەلق ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى شىنجۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن بىر ئاتاقلىق رەھبەر. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان مەزگىلدە، رەئىس جياڭ زېمىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى جۇڭگو ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، بىز ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز.

شەرقىي ئافرىقا جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە شەرقىي ئافرىقا جۇڭگو سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى خەن جۈن مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كېنىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھەم جۇڭگونىڭ كېنىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ كېنىيەدىكى باشقا ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ ئافرىقىدا يىلتىز تارتىش ئىرادىمىزنى چىڭىتقان. ئۇ چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

تۈركىيە جۇڭگو مەبلەغ سالغان پۇقراۋى كارخانىلار سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى لى مۇزى رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالغا باستۇرۇش، باي ـ قۇدرەتلىك قىلىشتا، جەزمەن سىرتقا ئېچىۋېتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتەك قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

سىرى لانكىدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار بىرلەشمە جەمئىيتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاڭ شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: سىرى لانكىدىكى بارلىق خۇاچياۋ، خۇارېنلار رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگو ـ سىرى لانكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، ئۇ، سىرى لانكا خەلقىنىڭ ياخشى دوستى.

جۇڭگو مالدىۋې مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى مورۇيدې مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن بىر ئۆمۈر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن، بىز ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق، ئۇنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى بىزنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

مالايسىيا جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن مالايسىيا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، ئۇ 1994 ـ يىلى مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھەمدە كۆپ قېتىم خەلقئارا يىغىنلاردا مالايسىيا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن. رەئىس جياڭ زېمىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتلارغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ باشتىن ـ ئاخىر تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن يوقىتىش.

پۈتۈن ئامېرىكا خۇارېنلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چياۋ فېڭشياڭ مۇنداق دېدى: چەت ئەلدىكى چىياۋمىن قېرىنداشلار رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، جۇڭگو خەلقى ۋە چەت ئەلدىكى چىياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر قەدىرلىشىگە، ئىززەت ـ ئېھتىرام بىلدۈرۈشىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خەلقارادىكى دوست ئەربابلارمۇ رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا ئارقا ـ ئارقىدىن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگونى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكلەپ، ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن كۆپ دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى تەرىپلىدى.

ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرى پېي چىڭشەن مۇنداق بىلدۈردى: ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى باشتىن ـ ئاخىر قەدىرلەيدۇ ۋە ئەستە چىڭ ساقلايدۇ.

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جيۇشەن يوۋجىفۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى، مەن ئۇنىڭ تۆھپىسىگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېرجيې جۈنبو مۇنداق بىلدۈردى: 1998 ـ يىلى رەئىس جياڭ زېمىن ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ «جۇڭگو ـ ياپونىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىدىغان دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى» ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئېرجيې جۈنبو ئۆزىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «رەئىس جياڭ زېمىننىڭ خەلق سارىيىدا بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالغان كۆرۈنۈش خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە».

سىرى لانكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى سابىرى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر قايغۇردۇم. سىرى لانكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسىدا رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا ئەڭ سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرۈپ، «ئۇ باشتىن ـ ئاخىر سىرى لانكىنىڭ ھەقىقىي دوستى» دەپ بىلدۈردى.

سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىدىن مەن ئىنتايىن قايغۇردۇم. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ. ئۇ سىنگاپورنىڭ ياخشى دوستى. بىز ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە قوشقان تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى پىنى، جېڭدا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شيې گومىن يېقىندا جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ رەئىس جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈردى. پىنى جۇڭگونىڭ بىر ئۇلۇغ رەھبەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى؛ شيې گومىن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو ۋە دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى تەرىپلىدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لۇ كېۋېن يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگو رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە 2008 ـ يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، شۇ نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىشىدىكى بىر قېتىملىق كاتتا مەرىكە دەپ قارالدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى خوۋارد ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا رەئىس جياڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يېقىندا «ئاۋسترالىيە پۇل مۇئامىلە ئوبزورى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ رەئىس جياڭ زېمىن بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى، گەرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن ئاۋسترالىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ بىر خىل ئىنتايىن مول نەتىجىلىك مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، «يەرشارىۋى تاكتىكا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ۋاشىنگتون شۆبە تەھرىراتىنىڭ باشلىقى ۋىليام جونېس مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونى يېتەكلەپ شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ.

كۇۋەيت تور تاراتقۇسى «ئەرەبلەر» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسىي تەھلىلچىسى فاۋوز باھار مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كىشىلەرنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. رەئىس جياڭ زېمىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگونى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەزمەن باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بايانلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.