يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىش

日期:2022年12月07日
来源:天山网
【字体:

12 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىدىن باباۋشەنگىچە، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بەس ـ بەس بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن جۇڭخاۋ، گاۋ جيې، رېن چاۋ، ۋاڭ جىڭچياڭ، خاۋ جاۋ فوتوسى