كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى داۋاملىق تۈردە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ھەم باشقا شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن خەلقئاراغا تونۇلغان جۇڭگو رەھبىرى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تايلاند خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئائىلە ئەزاسى. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ 1999 - يىلى تايلاندتا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تايلاند - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوب مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ نامىبىيەنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ۋە جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقىنى تەرىپلەيمەن. رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن يوقىتىش بولۇپلا قالماي، نامىبىيە ئۈچۈنمۇ يوقىتىش.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى، بىرازىلىيە بىرىنچى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورايمەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، قاتار ئەمىرى تامىم، ئومان سۇلتانى ھاسام، بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، يەمەن زۇڭتۇڭى رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم، مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى دۇنبۇيا، كىرىباتى زۇڭتۇڭى ماماۋ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، قاتارنىڭ مۇئاۋىن ئەمىرى ئابدۇللا ۋە باش ۋەزىر، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى خالىد، لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى پەن كەن، ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگنات قاتارلىقلارمۇ يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىدىن ئەڭ چوڭقۇر ھال سورىدى.