پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

日期:2022年12月05日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى قەدىردان يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى قايغۇلۇق خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان ھۆرمەت ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ خىسلىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى مەدھىيەلەپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ، بىز قەتئىي ئىرادە بىلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۆلۈم، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئاپپاراتلار، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ھەر خىل شەكىلدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلان قىلىنغان قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرۈشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىمىز.

ئېگىز ھەم سوغۇق جايدىكى مەشىق ئورۇنلىرىدا، چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدا، چوڭ ئوكياندىكى ھەربىي پاراخوتلاردا، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدىكى جەڭ بۈركۈتلىرىنىڭ يېنىدا، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قويۇپ بېرىش جازىلىرى ئاستىدا، ۋەتەندىن يىراق جايلاردىكى تىنچلىق ساقلاش لاگېرلىرىدا... قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېلان قىلىنغان قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ، «جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىنغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. يولداش جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يولداش جياڭ زېمىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ۋە دۇنيادىكى يېڭى ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك، ھەربىي ئىشلاردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش، سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىدا باش ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، خىسلىتى، ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاش؛ ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئارمىيە قۇرۇش، ئۇچۇرلاشقان جەڭدە غەلىبە قىلىش نىشانى بويىچە، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن قۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى... كۆپچىلىك بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا يولداش جياڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە كۈرىشى سىڭگەن. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.