شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھە يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى

日期:2022年12月05日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، كۆپ خىل شەكىلدە ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە قايغۇغا چۆمدى.

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن ھالدا مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسىغا بېرىپ، ياكى تەزىيە زالىغا بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى، ياكى تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى ۋە ياد ئەتتى.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى تەسىس قىلغان تەزىيە زالىدا كەيپىيات ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، ئالاقىدار ئاپپاراتلار ۋە ھەر ساھە زاتلار تەقدىم قىلغان گۈل سېۋەتلىرى لىققىدە رەتلىك تىزىلغانىدى. شياڭگاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارمىيە باش ئۇيۇشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيەلەش مۇدىرى لۇ خەيخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىش قىلدى، جۈملىدىن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ئۇنى چەكسىز ھۆرمەتلەيدۇ، مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ياشلار، ئۆسمۈرلەر پائالىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇاڭ جيابىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ھايات ۋاقتىدا شياڭگاڭدىكى ياش بىر ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، شياڭگاڭلىق ياشلار ئۆز مەنپەئىتى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، تىرىشىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

شياڭگاڭ قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى چيۇ داگېن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەختىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بەردى. شياڭگاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسى قەتئىي ئىرادە بىلەن دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشى ئۈچۈن پائال تىرىشىپ كۈچ قوشىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنىڭ سىرتىغا كېلىپ گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى ئىچىدە، ھەم چاچلىرى ئاقارغان ياشانغانلار، ھەم ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە كىچىك دوستلار، شۇنداقلا يەنە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىللە كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى. «شياڭگاڭلىقلارنىڭ رەئىس جياڭ زېمىنغا بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنى ئۇلار ئۈچۈن ئەرزىيدىغان ئىش.» «خۇددى ئائىلىمىزدىكى مۇلايىم ۋە يېقىملىق چوڭلىرىمىز تۇيۇقسىز كېتىپ قالغاندەك، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.» «جياڭ بوۋام دۆلىتىمىزگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان كىشى.» كىشىلەر ئاددىي سۆزلەر بىلەن سەمىمىي ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

قايغۇلۇق ھېسسىيات ئۇزاققا سوزۇلدى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە زاتلار نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى فەنشۈ لىتەي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن يۇمۇرىستىك، چىقىشقاق كىشى بولۇپ، شياڭگاڭلىقلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شياڭگاڭ قايتا ئاتلىنىش بۈيۈك ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن جېنبىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىگە رەھمەت، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار چوڭقۇر سېغىنىشىنى بوشاشماي تىرىشىشقا ئايلاندۇرۇپ، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا، تەزىيە بىلدۈرگىلى كەلگەن كىشىلەر رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى. ئاۋمېن - تەيۋەن ياشلار ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى سەي ۋېنجېڭ جەمئىيەتنىڭ 20 نەچچە كېڭەش نازارەتچىسىنى تەزىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللىدى. «1999 - يىلى، مەن تېخى ئوقۇغۇچى ئىدىم، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ رەھبەرلىكىدە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىدىن ئىبارەت شەرەپلىك پەيتكە گۇۋاھ بولدۇم. ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە تايىنىپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، ئالغا باستى، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ئۇنى ئىنتايىن ئەسلەيدۇ، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ» دېدى ئۇ.

ئاۋمېن داشۆ قانۇن شۆيۈەنى ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لو ۋېيجيەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار رەئىس جياڭ زېمىننىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقى ۋە ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ياد ئەتتى. ئاۋمېندىكى ھەر ساھە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى، ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

ئاۋمېن قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى شى جيالۈن مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى ۋە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئاۋمېندىكى ئەمەلىيىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئاۋمېن ئالاھىدە رايونى ۋە ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا غايەت زور مەدەت بەردى ۋە كۆيۈندى. ئاۋمېندىكى ھەر ساھە بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئۇدا برقانچە كۈندىن بۇيان، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى. تەيۋەن سودا بىرلەشمە باش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ پىڭجاۋ تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، چەكسىز قىيمىغانلىقىنى، قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جياڭ زېمىن ئەپەندىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىككى قىرغاق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ۋاپاتى كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ.

تەيۋەن «كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ تارقىتىشقا مەسئۇل خادىمى جى شىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن بىر قالتىس رەھبەر، ئۇ دۆلەتنى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل پاراسىتى ۋە نەزەر دائىرە ئەندىزىسىنى نامايان قىلدى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى كېرەك.

شيامېن تەيۋەنلىك سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋۇ جيايىڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندۇق، ھەم ئۇنى چوڭقۇر ئەسلەيمىز. بۈگۈن بىز چوڭ قۇرۇقلۇقتا خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىمىز، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

گۇاڭجوۋ شەھەرلىك تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى چېن چىئەن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سىجىل تەرەققىياتى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بەردى، تەيۋەن كارخانىلىرى ۋەتەنگە تايىنىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشتى.

كۇنشەن شەھەرلىك تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى سۈن دېسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى، كەڭ تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، «تەيۋەنلىك سودىگەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىمدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىمەن». بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ تەيۋەن كارخانىلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇقتا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.