جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتى

日期:2022年12月04日
来源:天山网
【字体:

جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى

جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى.

جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى شانلىق كۈرەش قىلغان ھايات. 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، ئۇ كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىگەن، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولغان، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.

پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كەسكىن سىناق ئالدىدا، جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىرىپ، مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھۆرمەتلىشىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

1926 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جياڭ زېمىن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجوۋ شەھىرىدە بىر ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جياڭ زېمىن كىچىكىدىن تارتىپلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيەسىنىڭ ئويغىتىشىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەزمىنامە ئائىلىسى كەيپىياتى ئىچىدە جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر تاۋلانغان. جياڭ زېمىن دەسلەپتە ياڭجوۋ دۇڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە ياڭجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ياڭجوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، يۇرتى ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، ئۇ دائىم مېيخۇالىڭغا بېرىپ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر داڭلىق سەركەردە شى كېفانىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، شى كېفا ئىبادەتخانىسىدىكى «تۆكۈلگەن مېيخۇا گۈلى بەرگىلىرى مۇنقەرز بولغۇچىلار ئاققۇزغان قانلىق ياشقا ئوخشايدۇ، مىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ قەلبىمۇ كەمتۈك ئايغا ئوخشايدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان يىڭليەننى دېكلاماتسىيە قىلىپ، قايغۇرۇش ۋە نەپرەتلىنىش ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلغان.

1943 - يىلى، جياڭ زېمىن نەنجىڭ مەركىزىي داشۆنىڭ ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتناشقان. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جياڭ زېمىن شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ ئوقۇغان. 1946 - يىلى 4 - ئايدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، بىر كوممۇنىزم جەڭچىسىگە ئايلانغان. جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن پائال شۇغۇللىنىپ، تىغ ئۇچى بىۋاسىتە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتىلغان ئاچارچىلىققا قارشى، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى، زىيانكەشلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىنقىلابىي يولداشلارنى قوغدىغان.

1947 - يىلى، جياڭ زېمىن شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرو ماشىنا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شاڭخەي ئاشلىق مۇلازىمەت تەجرىبە زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەپ، ئىنژېنېر، قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، توك ئىشلىرى ئىش مەيدانىنىڭ مۇدىرى، ئېنېرگىيە سېخىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئىشچىلار ئاممىسى ھەم ياشلار ئۇيۇشمىسى كەچلىك كۇرسىدىكى كەسپىي ياشلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1949 - يىلى ئىشچىلارنى، ئاممىنى تەشكىللەپ زاۋۇتنى قوغداش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋالغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جياڭ زېمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1 - زاۋۇتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، شاڭخەي سوپۇن زاۋۇتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، 1 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي 2 - لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. يىمىن يېمەكلىك زاۋۇتىدىكى مەزگىلدە، ئۇ مەسئۇل بولۇپ «گۇاڭمىڭ ماركىلىق» يېمەكلىك ماركىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋە ياراتقان؛ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشنى قوللاش ئۈچۈن، ئۇ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمىنى مەخسۇس تەمىنلەيدىغان كونسېرۋا يېمەكلىكىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىگەن. 2 - لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسىدىكى مەزگىلدە، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى دۆلىتىمىز تۇنجى ئىشلەپچىقارغان ھور تۇربىنىلىق گېنېراتورنى لايىھەلەش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

1954 - يىلى 9 - ئايدا، جياڭ زېمىن يۆتكىلىش بۇيرۇقىغا بىنائەن چاڭچۇن 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان، 1955 - يىلى 4 - ئايدا موسكۋا سىتالىن ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا پىراكتىكا قىلغان، 1956 - يىلى 5 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چاڭچۇن 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئېنېرگىيە ئىنژېنېرى ۋە ئېنېرگىيە شۆبە زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1961 - يىلى، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش قىس بولۇپ، جياڭ زېمىن ئېنېرگىيە پار قازىنىنى خام نېفىت كۆيدۈرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى بولغان، قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

1962 - يىلى، جياڭ زېمىن 1 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئەينى چاغدا دۆلەت جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان JO2 كىچىك تىپتىكى بىماس قەدەملىك ئېلېكتىر گېنېراتورلار يۈرۈشلۈكىنى لايىھەلەش ۋەزىپىسىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان. 1964 - يىلى ۋە 1965 - يىلى، جياڭ زېمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى سۈپىتىدە ياپونىيە، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئېلېكتىر تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ھەم چەت ئەلنىڭ ئېلېكتىر پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

1966 - يىلى 5 - ئايدا، جياڭ زېمىن ۋۇخەن ئىسسىقلىق ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى بولغان، 9 - ئايدا پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، جياڭ زېمىن زەربىگە ئۇچرىغان. 1970 - يىلىنىڭ ئاخىرى، جياڭ زېمىن 1 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان، 1971 - يىلى جۇڭگو 1 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى رۇمىنىيەگە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باش گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، جۇڭگو ياردەم بەرگەن 11 زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1973 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جياڭ زېمىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1 - ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولغان. 1973 - يىلى، 1974 - يىلى، جياڭ زېمىن ئىلگىرى - كېيىن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئۆمەك باشلىقى بولۇپ، فېدېراتىپ گېرمانىيە ۋە رۇمىنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئېلېكتىر تېخنىكىسى كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان. 1976 - يىلى، جياڭ زېمىن ئۆمەك باشلاپ پاكىستانغا بېرىپ، جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرۇۋاتقان زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. 1978 - يىلى، جياڭ زېمىن جۇڭگو ماشىنىسازلىق سانائىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى بولغان، ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، مەھسۇلات يېڭىلاپ ئەۋلاد ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يۈرۈشلۈك تېخنىكا جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ماشىنىسازلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەدبىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1978 - يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش» كەسكىن ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت مەركىزىنى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلى ئېچىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1980 - يىلى، جياڭ زېمىن دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورتنى باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىش، چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش، چەت ئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش، پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىدە قوللانغان ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلىرىنى كونكرېت ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ھەم ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا قاتناشقان. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى تەجرىبە كەمچىل بولغان، باشتىن ئىزدىنىشكە تېگىشلىك بىر يېڭى شەيئى. 1980 - يىلى، جياڭ زېمىن ئۆمەك باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تايلاند، سىرى لانكا، مالايسىيا، سىنگاپور، فىلىپپىن، شياڭگاڭ، مېكسىكا، ئىرېلاندىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئېكسپورت - پىششىقلاش رايونى، ئەركىن سودا رايونى، چېگرا ئىقتىساد رايونىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتا ئۆرنەك ئېلىشىغا تەمىنلىگىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى تەتقىق قىلغان، قوبۇل قىلغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا، جياڭ زېمىن 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدا گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش ۋە «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون نىزامى»دىن ئىزاھات بېرىپ، يىغىننىڭ ئالاقىدار تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن.

1982 - يىلى 5 - ئايدا، جياڭ زېمىن ئېلېكتىرون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1 - مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1983 - يىلى مىنىستىر، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېلېكترون سانائىتىدە «ئاساس سېلىش، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى تۇتۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئۈچ ھەسسە قاتلاش، ئون يىل ھالقىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، كومپيۇتېر، خەۋەرلىشىش ھەمدە سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە دائىر پەن تەتقىقات، ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرون سانائىتىنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرغان. 1982 - يىلى 9 - ئايدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1985 - يىلى، جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1987 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەينى ئېچىۋېتىش تىپىدىكى، كۆپ ئىقتىدارلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، پەن - تېخنىكىسى ئىلغار، يۈكسەك مەدەنىيلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى پائال قوللاپ، پۇدۇڭنى خەلقئارالاشقان، تۈگۈنلەشكەن، زامانىۋىلاشقان، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭى شەھەر رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەكىتلىگەن. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شاڭخەينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار قوش ئايلىق سۆھبەت يىغىنى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر، نەزەرىيە ساھەسىدىكىلەر قوش ئايلىق سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق تۈزۈملەرنى تەشەببۇس قىلىپ ئورناتقان. ئۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تەدبىرلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش تۈزۈمىنى ئورناتقان. شاڭخەينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يىراق كەلگۈسىنى ئويلىشىشتىن ئىبارەت تاشقى ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى جەزمەن خەلق ئۈچۈن بىرنەچچە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش جەھەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان. 1987 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1989 - يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي ۋەقە يۈزبەردى، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايراق روشەن ھالدا مالىمانچىلىققا قارشى تۇرۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قەتئىي قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى توغرا تەدبىرىنى ھىمايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا زىچ تايىنىپ، شاڭخەينىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىغان.

1989 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. ئۇ يىغىندا قەتئىي ھالدا مۇنداق كۆرسەتكەن: «پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى لۇشيەن ۋە ئاساسىي سىياسەت ئۆزگەرمىدى، جەزمەن داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇ ئەڭ تۈپ مەسىلىدە، مەن ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئىككى جۈملە سۆز قىلىمەن: بىرى، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، قىلچە تەۋرەنمەسلىك؛ يەنە بىرى، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش، باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش». شۇ يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1990 - يىلى 3 - ئايدا، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

1992 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 14 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىن «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى نىشانىنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى بېكىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى يۈكسەلدۈرۈشنى تەكىتلىگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، ئومۇمىي يىغىندا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1993 - يىلى 3 - ئايدا، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

1997 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 15 - قۇرۇلتىيىدا، جياڭ زېمىن «دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىنى 21 - ئەسىرگە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ كىرەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچى ئەھمىيىتىنى نۇقتىلىق بايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشنىڭ دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنى تەكىتلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەسىر ھالقىيدىغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان، ئومۇمىي يىغىندا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1998 - يىلى 3 - ئايدا، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

2002 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 16 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىن «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپىنى بايان قىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 2003 - يىلى 3 - ئايدا، 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، جياڭ زېمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى بېيىتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ھەم ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرغان، ھەم دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى ئىدىيە، كۆز قاراش، ھۆكۈم ئارقىلىق ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنى بېيىتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان.

جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يولى مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، جەزمەن تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت، بۇ جەزمەن، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان فاڭجېن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەز بىلەن تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي نۇقتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: تەرەققىيات − قاتتىق داۋلى، بۇ، بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، بايلىق كۆپ بولسا، ئىشەنچ چوڭ بولىدۇ، ئارقىدا قالغانلار تاياق يەيدۇ. پەقەت بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچىمىز، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقاندىلا، «بوران چىقىپ دولقۇن كۆتۈرۈلسىمۇ، بېلىق تۇتۇش سۇپىسىدا مەزمۇت ئولتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆتكۈرلۈك بىلەن مۇنداق كۆرسەتكەن: پۈتۈن ۋەزىيەتنى ھەر تەرەپلىمە كۆزەتكەندە، 21 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا جەزمەن چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان ھەمدە زور نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق روھى ۋە كۈلپەت ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماي، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىلىققا ئېسىلىۋالماي، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش جەريانى، دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىش جەريانى بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىمىزدا، بىز قىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە، ھەم خەلقنىڭ رېئال ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خەلقنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ كۆزدە تۇتۇشىمىز، يەنى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە خەلقنىڭ ماددىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىر - بىرىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تەرەققىيات نىشان، مۇقىملىق ئالدىنقى شەرت، ئىسلاھاتنىڭ سالمىقى، تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم بىرىكىش نۇقتىسى قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى داۋامىدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جياڭ زېمىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: 21 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە، ئەڭ تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا پايدىلىق. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، جياڭ زېمىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، 3 - قەدەمدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يۈرگۈزگەن. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 3 - قەدەمدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشاننىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە سۈرەتلەپ چىقىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: 21 - ئەسىرگە نەزەر سالغاندا، بىزنىڭ نىشانىمىز شۇكى، بىرىنچى 10 يىلدا خەلق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2000 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، خەلقنىڭ ھاللىق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەنە 10 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاندا، خەلق ئىگىلىكىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولغاندا، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي بولغان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى ئەسىردىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 - قۇرۇلتىيىدا، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ مۇنداق تەكىتلىگەن: بىز مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 20 يىلىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىشىمىز كېرەك. بۇ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ 3 - قەدەمدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈلىدىغان ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان تەرەققىيات باسقۇچى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى توغرىسىدا جياڭ زېمىن مۇنداق كۆرسەتكەن: جەزمەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشى، ئىلغارلىقىنى ساقلىشىدىكى تۈپ ئىپادىسى ۋە تۈپ تەلىپى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى ئەڭ ھەل قىلغۇچ كۈچ، جۈملىدىن زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچىلار سىنىپى، كەڭ دېھقانلار باشتىن - ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئاساسىي كۈچ؛ جەمئىيەت ئۆزگىرىشى داۋامىدا بارلىققا كەلگەن پۇقراۋى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلىگەن خادىملار ۋە تېخنىك خادىملار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى تەكلىپ قىلغان باشقۇرغۇچى تېخنىك خادىملار، يەككە تىجارەتچىلەر، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى، ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى كەسىپكارلار، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قاتارلىق جەمئىيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىرىنچى بايلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇ پەن - تېخنىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مۇنداق تەكىتلىگەن: بىز مۇنداق بىر داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، بۇ دەل كۈچلۈك بولغان پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشمۇ بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا تەرەققىياتىدا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: سوتسىيالىزمنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش كېرەك.

جياڭ زېمىن يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھاتىغا بولغان نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، شەرقىي ياۋروپادىكى تېز ئۆزگىرىشنىڭ ساۋىقىنى، شۇنداقلا بىزدە يۈزبەرگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ساۋىقىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلساق، مۇنداق ئىككى يەكۈنگە ئېرىشىمىز: بىرىنچى، جەزمەن سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچى، جەزمەن سوتسىيالىستىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىستىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى روھ، بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جەزمەن ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئىسلاھاتتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك غايەت زور جاسارىتى بىلەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتتى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقان. 1992 - يىلى 6 - ئايدا، ئۇ يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر، ئۇنداق بولمىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان، دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبتا قىلغان سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇ «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى»نى قوللىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى، نەزەرىيەۋى تەييارلىق قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش رەسمىي تۈردە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى قىلىپ بېكىتىلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»دا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلدى. 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. جياڭ زېمىن مۇنداق كۆرسەتكەن: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەكلى كۆپ خىل بولسا بولىدۇ ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك؛ پاي تۈزۈمى زامانىۋى كارخانىلارنىڭ بىر خىل كاپىتال تەشكىللەش شەكلى بولۇپ، كاپىتالىزم قوللانسا بولىدۇ، سوتسىيالىزممۇ قوللانسا بولىدۇ. جەزمەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوللاش، يېتەكلەش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە، دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: دۆلەت كارخانىلىرى دۆلىتىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى، پۈتكۈل دۆلەت ئىگىلىكىنى ياخشىلاشنى كۆزلەپ، چوڭىنى ياخشى تۇتۇپ، كىچىكىنى قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، «مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولۇش، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولۇش، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، باشقۇرۇش ئىلمىي بولۇش» تەلىپى بويىچە، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلاردا قېلىپلاشقان شىركەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى بازارغا ئۇيغۇنلاشقان قانۇنىي ئىگە تىپىدىكى ئەمەلىي گەۋدىگە ۋە رىقابەت سۇبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىردەك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە، پىلان تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋاسىتىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق قىسىش ئاساسىدىكى مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: تەقسىمات مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش كەڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىللىققا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان جەمئىيەت كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا كىرگەندە، جياڭ زېمىن ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان يۈزلىنىشنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالغا باستۇرۇش، باي - قۇدرەتلىك قىلىشتا، جەزمەن سىرتقا ئېچىۋېتىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، بارلىق ئىلغار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: بىز ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي سىجىل كېڭەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش پارتىيە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش پىرىنسىپىنى مۇنداق ئىزاھلىغان: بىرىنچى، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ ئېھتىياجى، ئوخشاشلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىمۇ جۇڭگوغا ئېھتىياجلىق، 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار جۇڭگو قاتناشمىسا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇكەممەل بولمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز؛ ئىككىنچى، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېخى تەرەققىي تاپمىغان، پەقەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شەرتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرەلەيدۇ؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى بىلەن مەجبۇرىيىتى چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك، جۇڭگو بەك يۇقىرى بولغان، جۇڭگونىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن باھانى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ يېتەكچى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتى جەريانىدا باشتىن - ئاخىر تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، 2001 - يىلى 12 - ئايدا رەسمىي ھالدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولدى. جياڭ زېمىن مۇنداق تەكىتلىگەن: چەت ئەل سودىگەرلىرىنى بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: «چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باسقۇچىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر، «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش» سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئىككى چاق، جەزمەن ئۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىش جەريانىدا، جەزمەن باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دىققەت قىلىپ، خەلقئارا خەۋپ - خەتەر زەربىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دىققەت قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز كۈچىگە تايىنىش ئاساسىغا قويۇش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدا جياڭ زېمىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىشتە ئاچقۇچ ھەم سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ھەم يەنە ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنىڭ يىرىكلىكتىن تۈجۈپىلىككە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتا. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: سۈرئەت بىلەن ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا جەزمەن تەرەققىيات پىكىر يولىنى يېڭىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنىڭ يىرىكلىكتىن تۈجۈپىلىككە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە ئاچقۇچ قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، جەزمەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئاساسىي مەۋقەسى. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇش، سانائەتلىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى باشتىن ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش، يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە. ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، ئۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق مەزگىللىك مۇھىم، زور ھەم مۈشكۈل ۋەزىپىسى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇش توغرىسىدا جياڭ زېمىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ مۇقەررەر يەكۈنى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەڭ ئاساسلىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ دائىرىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭدۈرمىچىلىك قىلىشغا قەتئىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ چياۋمىنلار ئىشلىرى سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىش سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۇللۇق خىزمەت. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساسلىنىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەدرىجىي قانۇنچىلىق يولىغا سېلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش بىلەن بىللە، ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق نەتىجىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىز، غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ھەرگىز ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەسلىكىمىز كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە كۈچەپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تىنچ - ئىتتىپاق بولغان جەمئىيەت سىياسىي ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا، جياڭ زېمىن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ۋە رىغبەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، زامانىمىزدىكى جۇڭگودا، ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغانلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرغانلىق، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلغانلىق. جەزمەن ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشى ۋە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. كىشىلەرنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش، توغرا ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق يېتەكلەش، ئالىيجاناب روھ ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساغلام، پايدىلىق مەدەنىيەتنى قوللاپ، پاسسىپ مەدەنىيەتنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، چىرىك مەدەنىيەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: مىللەت روھى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مەنىۋى تىرەك، دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل ئىدىيە، مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە قارىتا، جەزمەن مىللەت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈشنى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، خەلق مائارىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلايدىغان قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشى، دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى بىلەن ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

جياڭ زېمىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا قارىتا نۇرغۇن مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ياراتقان. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: مۇستەھكەم دۆلەت مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىنى قوغداش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك، ھەربىي ئىشلاردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش، سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن قۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشتىن - ئاخىر ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدا باش ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، خىسلىتى، ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى ئارمىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئارمىيە روھى، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈپ پىرىنسىپى ۋە تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: دۇنيادىكى يېڭى ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشىنىڭ خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېڭى مەزگىلدىكى ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى بېكىتىپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە مۇھىم، زور تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئادەتتىكى شارائىتتىكى قىسمەن دائىرىلىك ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىن زامانىۋى تېخنىكا، بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكا شارائىتىدىكى قىسمەن دائىرىلىك ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا يۆتكەپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئۇچۇرلاشقان شارائىتتىكى قىسمەن دائىرىلىك ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا قويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنىڭ نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بىردەك سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال - جابدۇقلىرىنىڭ «ئۆتكۈر قورال»ىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

جياڭ زېمىن مۇنداق كۆرسەتكەن: ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى تاماملاش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ جۈملىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شياڭگاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشقا ئاشقان، 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاۋمېننى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشقا ئاشقان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىپ جۇڭگو - ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى، جۇڭگو - پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكۈزگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: ھەرقانداق ئەھۋالدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى، ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ باش مەمۇرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلارنى كەڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي قوللىشىدا، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمەتلىرى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ھەم ئىچكى - تاشقى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربە ۋە تەسىرلەرگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر قاتار جەمئىيەت ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلىدى. جياڭ زېمىن تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئىككى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»نى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ كېڭىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى ئالغا سىلجىتقان. 1995 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورۇنداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلايلى» دېگەن مۇھىم سۆزنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر سەككىز تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىگەن: بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، بىزنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بەرمەسلىكىمىز ھەرگىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتىلغان. سۆزدە ھەم ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورۇنداشتىكى قەتئىي ئىرادە گەۋدىلەنگەن، ھەم تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئارزۇسى ۋە تەيۋەننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا يۈكسەك دىققەت - ئېتىبار ۋە پائال ئىنكاس قوزغىغان. ئۇ قەلەم بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، قوراللىق تەييارلىق كۆرۈش ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق كۆرسەتكەن: دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، تەيۋەن مەسىلىسىنى قەرەلسىز كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ؛ بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى چوقۇم بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشى ئالدىدا، جياڭ زېمىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، بىر قاتار دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتقان. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پۇرسەت ۋە پايدىلىق شارائىت ئېلىپ كەلدى، يېڭى دۇنيا ئۇرۇشى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مەزگىلدە پارتلىمايدۇ، بىرقەدەر ئۇزاق مەزگىللىك تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە ياخشى ئەتراپ مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن، ئادالەتسىز، نامۇۋاپىق خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي كونا تەرتىپ تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئامىللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنىڭ يېڭى ئىپادىلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى يەنىمۇ چوڭىيىۋاتىدۇ، دۇنيا تېخى بەكلا تىنچ ئەمەس، ئىنسانلار نۇرغۇن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا بۈگۈنكى دەۋرنىڭ باش تېمىسى، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئېغىشماي يولغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسىي مەۋقەسى قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، 3 - دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا ھەم رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلاردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ئۇ دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشى ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ يادروسى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، ھەمكارلىشىش. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرىنچى بولۇپ جۇڭگونىڭ قاتنىشىشى، تۈرتكە بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان ھەم جۇڭگونىڭ شەھەر نامى بىلەن ئاتالغان رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتەك «شاڭخەي روھى» ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇھىم تەسىر پەيدا قىلدى.

جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ئىسلاھات روھى بىلەن تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىشىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي تېمىنى مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: بىزگە ئوخشاش تەرەققىي قىلىۋاتقان كۆپ مىللەتلىك چوڭ دۆلەتتە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن قىلچە بوشاشماي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق رەھبىرىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، غەيرەتلىك، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان رەھبەرلىك قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يادروسى − پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكى − ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ خەۋپ − ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتىپ، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇنچىلىقنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت - تەدبىرلەرگە سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىگەن: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار كوممۇنىستلارغا خاس كۆتۈرەڭگۈ روھنى، غەيرەتنى ۋە ئۇلۇغۋار توغرا كەيپىياتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسى بىلەن مەڭگۈ قەلبداش بولسىلا، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ.

جياڭ زېمىن مۇنداق تەكىتلىگەن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش. پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاساسلىق كۆزلەش نۇقتىسى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈزۈپ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش. ئۇ مۇنداق كۆرسەتكەن: جەزمەن باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزلەپ، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا تىرىشىپ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئاممىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈك خىزمەتكارلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر خەلقچىل قەلب بىلەن خەلقنى كۆزلەش مەسئۇلىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئامما ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كەسكىن سىناققا دۇچ كەلگەنىدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارادىكى بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ، بولۇپمۇ ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، 1998 - يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

2004 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە قوشۇلۇش قارار قىلىنغان. 2005 - يىلى 3 - ئايدا 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، جياڭ زېمىننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللانغان. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.

جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى، 3 - تومىنى تەھرىرلەش ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان. «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»غا ئاساسلىقى جياڭ زېمىننىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 21 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە مۇستەقىل ئىجادچانلىققا ئىگە مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىزنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

جياڭ زېمىن ياراتقان «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، زامانىمىزدىكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورال، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)