شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى \ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى \ جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى، «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، «تيەنۋېن»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى، «شىخې»نىڭ قۇياش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشى، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئارقىلىق ئالەمنى چارلاش ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان بىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىپ، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى \جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش بويىچە يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» بولۇپ، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.