شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى

日期:2022年11月21日
来源:天山网
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تايلاند باڭكوكتا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، گېڭ شۆپېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى.

يىغىندا ئىمكانىيەتلىك سىجىل سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى، شۇنداقلا 2040 - يىل پۇتراجايا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى.

ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان سودا، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باراۋەر كېڭىشىدىغان، ئورتاق قاتنىشىدىغان، ئومۇميۈزلۈك نەپ ئالىدىغان رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان چوڭ بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئورتاق ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى بولۇش»، سىغدۇرۇشچان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

ئېچىۋېتىلگەن رايون ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ. يېقىندا، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئەركىن، ئوچۇق سودىنى قوللاپ، بازارنى دۇنياغا ئېچىۋېتىش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. جۇڭگو ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ بازار پۇرسىتى، ئېشىش پۇرسىتى، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

يىغىندا «2022 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر خىتابنامىسى» ۋە «جانلىقلار ئىقتىسادى، ئايلانما ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد باڭكوك نىشانى» ئېلان قىلىندى.

ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى.