شى جىنپىڭ يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گېڭ شۆپېڭ، جوۋ سىيۈ) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا يېڭى زېللاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭلى خانىم كۆپ قېتىم يېڭى زېللاندىيەنىڭ مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن. بۇ يىل جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېللاندىيەنى مۇھىم ھەمراھى ۋە دوستى دەپ قارايدۇ. ئىككى تەرەپ تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچى، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشىمايدۇ، بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپنىڭ بولۇشى تەبىئىي، لېكىن ئىختىلاپنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشىگە ياكى تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر ـ بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا، يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ يېڭى زېللاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى ۋە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. «رېۋى ئاللېي روھى»غا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك، خەلق ئىچى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېللاندىيە كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تىنچلىق جۇڭگونىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىنتىلىشى بولۇپ، زومىگەرلىك جۇڭگو تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەمەس، ھازىرمۇ يوق، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ زومىگەرلىكنى كۆزلىمەيدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى باشتىن ـ ئاخىر تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېللاندىيە تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئاردئېن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014 ـ يىلى يېڭى زېللاندىيەدە زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش يېڭى زېللاندىيە خەلقىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە، 2019 ـ يىلى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. يېڭى زېللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بۇ يىل يېڭى زېللاندىيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، مائارىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا بايان قىلغان مۇھىم قارىشىنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ھەمبەھرىلىگەنلىكىگە رەھمەت. جۇڭگو دۇنيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. يېڭى زېللاندىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئىشلىرىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.