شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، جېڭ شىن) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېقىن قوشنا، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوست، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمراھ بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. كېلەر يىلى جۇڭگو ـ بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىش ـ ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمە يېتەكچىلىك كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نۇقتىلىق تۈرلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىرۇنېي تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرۇنېي ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقى ۋە «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى» توغرىسىدا كېڭىشىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نەنخەي دېڭىزىنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

خاسانئال مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو چوقۇم گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى داۋاملىق ساقلاپ، بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بىرۇنىي ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى دوستانە بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرۇنېيغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ھەدىيە قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرۇنېينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك دۆلىتى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىرۇنېي تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىرۇنېي ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرۇنېينىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا، مائارىپ، ئادىمىيەت، تەنتەربىيە، مۇداپىئە ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرۇنېي تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.