شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى، سىنگاپور زۇڭلىسى، ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گېڭ شۆپېڭ، ماۋ پېڭفېي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تايلاند باڭكوكتا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ماركوس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. بۇ يىل 5 - ئايدا بىز تېلېفونلاشقاندا، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ئىككى تەرەپ يېزا ئىگىلىكى، ئۇل قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق تۆت چوڭ نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەسىنى بېكىتتۇق. ئىككى تەرەپ تىرىشىپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىپ، ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇدا ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو - فىلىپپىن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپ بىلەن دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، قارشى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە داۋاملىق ئېتىبار بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى فىلىپپىننىڭ «كۆپ قۇرۇش، ياخشى قۇرۇش» يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋائو − سامار چوڭ كۆۋرۈكى تۈرىنى ياخشى قۇرۇپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئاممىۋى سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - فىلىپپىن دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپ دوستانە كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپ، تالاش - تارتىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوخشاشلا ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقى چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

ماركوس مۇنداق بىلدۈردى: يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە رايون ۋە پۈتكۈل دۇنياغا پايدىلىق. فىلىپپىن بىلەن جۇڭگو مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، فىلىپپىن بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن ئەزەلدىن دېڭىز مەسىلىسى ئارقىلىق فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتسە بولىدۇ. فىلىپپىن تەرەپ داۋاملىق ھالدا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال كېڭىشىپ، دېڭىزدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنى بىرلىكتە ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جياڭ گوپېڭ، چېن جيەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەسىر يۇقۇمى ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە رايون مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە ئاكتىپ كۈچ قوشتى. جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتى ئالدىن كۆرەرلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە ۋە ئۈلگىلىك خاراكتېرگە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. سىنگاپور تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش»نى جۇڭگو - سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىدىن ئىبارەت جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشتىكى بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، جۇڭگو - سىنگاپور ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى تېزدىن تاماملاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو، سىنگاپور ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى رايونغا تايىنىدۇ، رايونغا سىڭىشكەن، رايونغا نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە رايوننىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئورتاق قوغداپ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىنى توسۇپ، ئىقتىساد بىلەن رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرا يۆنىلىشىنى قوغداپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»قا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ ئۆز رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى شيەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۈزتۇرا يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىيەلىگەنلىكىمدىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىيەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىنگاپور - جۇڭگو ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، سىنگاپور تەرەپ سىنگاپور - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھازىر بار بولغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سۇجوۋ، تيەنجىن، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ئۈچ تۈرى ۋە گۇاڭجوۋ بىلىم شەھەرچىسى دۆلەت دەرىجىلىك تۈرى(«1+3»)نىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، قۇدرەتلىك، دوستانە جۇڭگو رايون ۋە دۇنياغا ئاكتىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ، ئوتتۇراھال، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق. سىنگاپور تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باڭكوك، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ۋاڭ ياگۇاڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭكوكتا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق خاتىرىلىدى. 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت سىياسىي ھۆججەت ۋە بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مۇھىم بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا، رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا يېقىن قوشنا، ئوخشاشلا ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا باردى - كەلدى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك»تىن ئىبارەت سىياسىي ئورتاق تونۇشنى سىياسەتلەردە نامايان قىلىشى كېرەك. تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپ مەسىلىلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە ئاساسىي ئىشەنچىسىگە چېتىلىدۇ، جەزمەن ۋەدىدە چىڭ تۇرۇش، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جۇڭگو باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ ھەم ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، گۇماننى تۈگىتىشى كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ۋە زېمىن تالاش - تارتىشى مەسىلىسىدە، ھاسىل قىلىنغان پىرىنسىپ، ئورتاق تونۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي ئەقىل - پاراسەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىختىلاپلارنى پۇختا باشقۇرۇپ تىزگىنلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن بولۇش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى تۇتاشقان بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيە، پارلامېنت، يەرلىك قاتارلىق تۈرلۈك يوللاردىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشى، بولۇپمۇ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئوبيېكتىپ، ئاكتىپ بولغان تونۇشنى ھاسىل قىلىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا تايىنىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتى ۋە رايون ئورتاق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، قوشنىلار بىلەن ئىناق - دوستانە ئۆتۈپ، توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشنى توسۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق ھالدا ئاسىيانى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 10 - ئايدا بىز مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلېفونلىشىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. ياپونىيە بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر - بىرىگە ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى، تىنچ بىللە تۇرۇشى زۆرۈر ھەم شۇنداق قىلىشى كېرەك. ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش. ياپونىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ياپونىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئىككى دۆلەت رايون ۋە يەرشارىنىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ياپونىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. تەيۋەن مەسىلىسىدە، ياپونىيە تەرەپنىڭ ياپونىيە - جۇڭگو بىرلەشمە باياناتىدا بەرگەن ۋەدىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. مەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇقىم ۋە ئىجابىي بولغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا بىردەك قوشۇلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.