شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2022年11月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ژېلكا سىۋىيانوۋىچ، ژېلكو كومشىچ، دېنىس بېچىروۋىچقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. مەن جۇڭگونىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەيئەت رىياسىتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.