شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىتالىيە زۇڭلىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن لياڭ، ليۇ كەي) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونىي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو، ئىتالىيە ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزدى، جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىتالىيە مەنبەسى − قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى» ئىككى دۆلەت دوستانە ئالاقىسىنىڭ جانلىق دەلىلىگە ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە. ئىككى تەرەپ دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يادرولۇق مەنپەئەت ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى كومىتېتلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى ۋە 3 - تەرەپ بازىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتالىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئىتالىيەنىڭ 2023 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇشنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ 2026 - يىللىق مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى چىقىش قىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى ئىقتىساد قاتارلىق ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىتالىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ئاكتىپ سىياسەتنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېلونىي مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىتالىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىدىن رازى بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە تەرەپ لاگېرلار قارشىلىشىشىنى قوللىمايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىدىكى پەرقلەر ۋە ئىختىلاپلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، بىر - بىرىنى چۈشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت، ئاسىيا پۈتۈن يەرشارىدا بارغانسېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە، ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردا قويۇق ھەمكارلىشىپ، بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل جىددىي خىرىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭيىن جيازى، شيې مېيخۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ. بىز جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى مۇھىم بىلىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياغا كۆپرەك ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىشى كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىنى ئىلگىرىكىدەكلا توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى. دۇنيا تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا جەزمەن ئەمەل قىلىش كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە جەزمەن ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر يەرشارىۋى تەرەققىيات مۇساپىسى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئاجىز دۆلەتلەر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بىز تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىدىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەربىر دۆلەت، ھەربىر كىشىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر دېگىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، قۇرۇق شوئار توۋلىماي، بەلكى نەتىجە تىزىملىكىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەيمىز. جۇڭگو تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي قوللايدۇ.

گۇتېررېس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاشلىق، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقا - ئارىدىن يۈزبەرگەن كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات باراۋەر بولماسلىق، تەڭپۇڭ بولماسلىق ھادىسىسى ئىنتايىن ئېغىر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا ماس كېلىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە، جۇڭگونىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى تەڭداشسىز. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى تېگىشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق، جەزمەن ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.