شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى، سېنېگال زۇڭتۇڭى، كورېيە زۇڭتۇڭى، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى، گوللاندىيە باش ۋەزىرى، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭيىن جيازى، شيې مېيخۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، بىز تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق زىچ ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە پائال تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدۇق، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئەندىزىسىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىشى كېرەك. فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى. ئىككى تەرەپ قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغدىشى، خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا قائىدىسى ۋە تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. فىرانسىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا داۋاملىق مۇستەقىل ۋە ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھىندونېزىيەنىڭ رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتىنى قوللاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.

ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. فىرانسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ مۇستەقىل دىپلوماتىيەدە چىڭ تۇرۇپ، لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھىغا ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە سۆھبىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا، ئاۋىياتسىيە، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق كىرىزىسى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش، ئۇرۇشنى توسۇش، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپمۇ داۋاملىق ئۆز ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭيىن جيازى، ۋاڭ ئاۋنا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يولداشلارچە ھەم قېرىنداشلارچە ئالاھىدە دوستلۇقى بار. جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەت مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە باشتىن ـ ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدى، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ـ جەنۇبىي ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە بېكىتىلدى، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «جەنۇبىي ئافرىقا ئىقتىسادىنى قايتا قۇرۇش ۋە جانلاندۇرۇش پىلانى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى نەتىجىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللاپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز كىرىزىسىنى پەسەيتىشىگە باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، جەنۇبىي ئافرىقا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى داۋاملىق قىلچە ئىككىلەنمەستىن قەتئىي قوللايدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپنىڭ يېشىل تەرەققىيات، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ قارشى ئالىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن لياڭ، لۇ يۈن) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا سېنېگال زۇڭتۇڭى سال بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ سېنېگال مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلەتلىرى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ سېنېگال، جۇڭگو ـ ئافرىقا مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسىدە ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سېنېگال ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر ـ بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېنېگالنىڭ تاشيول، سانائەت باغچىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، سېنېگالنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا يەتكۈزۈلۈشىنى كېڭەيتىپ، خاسىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ۋە شال تېرىقچىلىقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن سېنېگالنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردىكى مەيدانى يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىش تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ.

سال مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شانلىق تارىخقا ئىگە ئۇلۇغ پارتىيە، جۇڭگو پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان، كەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغ دۆلەت، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سادىق ۋە مۇستەھكەم دوستى. مەيلى يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، مائارىپ، داۋالاش ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر سېنېگال ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىللە بولدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سېنېگال تەرەپ ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ھەم ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا كىرىش تەشەببۇسىنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارا قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئافرىقا دۆلەتلىرى شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگونى قەتئىي قوللايدۇ، بۇ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋەتنى تولۇق ئىسپاتلىدى. سېنېگال تەرەپ جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇنبەر رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شيې مېيخۇا، ۋۇ شيا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان قوشنا، شۇنداقلا ئايرىلالمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بولۇپ، رايون تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا كەڭ دائىرىلىك مەنپەئەت ئالاقىسى بار. بۇ يىل جۇڭگو ـ كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىللىق تارىخ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، مۇستەھكەملەپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئىقتىساد جەھەتتە بىر ـ بىرىنى يۈكسەك تولۇقلايدىغان بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، چوڭ سانلىق مەلۇمات، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىقلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

يىن شىيۆ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە تەرەپ بۇ يىل كورېيە ـ جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىشىپ يېتىلگەن ئاساستىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ھەمكارلىشىپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ كەي، زوۋ شۆميەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 2022 ـ يىللىق جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا دوستانە ھەمكارلىق يىلى ئۆتكۈزۈشنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو ـ ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بولغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللاشنى، بىر ـ بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، تاراتقۇ، مائارىپ، تەنتەربىيە، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئوچۇق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

فېرناندېس مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يۈزتۇرا يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. بۇ يىل 2 ـ ئايدا مەن بېيجىڭغا بېرىپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە سىز بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، ئارگېنتىنا تەرەپ ئارگېنتىنا ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. ئارگېنتىنا مەڭگۈ جۇڭگونىڭ دوستى ۋە قېرىندىشى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى مەڭگۈ قوللايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارگېنتىنا ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن لياڭ، جېڭ شىبو) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گوللاندىيەنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو ـ گوللاندىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبە ئېچىۋېتىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپ بۇ خاسلىقنى داۋاملىق ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ـ گوللاندىيەنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتچىل بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ دۇنيا بىر گەۋدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر«ئالاقىنى ئۈزۈش» ئۈستىدە ئىزدەنمەستىن، بەلكى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئىقتىساد ـ سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تەرەققىياتقا پايدىلىق خەلقئارا مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. گوللاندىيە تەرەپنىڭ ياۋروپانىڭ ئوچۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

رۇتتې مۇنداق بىلدۈردى: گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە يىلدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئىككى تەرەپ كۆپلىگەن تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگونىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسىرى تۇنجى قېتىم گوللاندىيە تىل ـ يېزىقىغا تەرجىمە قىلىندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014 ـ يىلى گوللاندىيەدە ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى گوللاندىيە تەرەپنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن. گوللاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، يېڭىلىق يارىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى 50 يىلدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭيىن جيازى، خاۋ يالىن) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېسې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، بۇ، بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋال. جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىش، مۇقىملىشىشقا قاراپ مېڭىشى ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئىختىلاپلارغا توغرا قاراشتا ئەكس ئېتىشى كېرەك. ئىختىلاپلاردىن ھالقىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش كېرەك، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدا ئەزەلدىن تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، بار بولغىنى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىقتىسادىي قۇرۇلما، بار بولغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئورتاق تەلەپ. جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە نامايان قىلغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا توغرا يولغا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدىغانلىقى ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالبانېسې مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ناھايىتى تېزلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئاۋسترالىيە تەرەپ ئەينى يىلى ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىجابىي، سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ئازايتىپ، ئاۋسترالىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد ـ سودا قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ شىبو، ۋاڭ ئاۋنا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، ئوڭۇشلۇق راۋاجلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتەك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستانە بىللە ئۆتۈشىدىكى توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئىسپانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر دائىملىق ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى، ئىززەت ـ ھۆرمىتى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ـ ئىسپانىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ، جۇڭگو ـ ئىسپانىيە دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسپانىيە كارخانىلىرى ۋە تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىمەن، ئىسپانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان بازار مۇئامىلىسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيە بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سانچېز مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر خەلقئارا تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرىدىغان كۈچ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا نەتىجىلەر مول بولدى. ئىسپانىيە تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىسپانىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، ئادىمىيەت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە تەرەپ ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبىتى، ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.