20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلىنغان سۆز

日期:2022年11月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، بىز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ھازىر، بىز يۈكسەك جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرىشى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش. بىز باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى بوران ـ چاپقۇن بولسۇن، ياكى دەھشەتلىك دولقۇن بولسۇن، خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز، ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچىمىز. بىز باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى باشتىن ـ ئاخىر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىگەن پارتىيەنىڭ ئاساسى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ؛ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىۋاتقان پارتىيەلا ھەممىدە غالىب كېلىدۇ. يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلار ئالدىدا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختىماي ئالغا سىلجىتىپ، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، بىز پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىممەتنى باشتىن ـ ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىگىلىشى ۋە بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. بىز ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىمىز.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى مۇساپە شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى. بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پارلاق ئەتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.