«شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ھىندونېزىيە تىلى نۇسخىسى، تايلاند تىلى نۇسخىسى) ناملىق مەخسۇس فىلىم كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

日期:2022年11月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي يىڭ) جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ھىندونېزىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، تايلاند مىللەتلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ھىندونېزىيە تىلى نۇسخىسى، تايلاند تىلى نۇسخىسى) ناملىق مەخسۇس فىلىم 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن باشلاپ ھىندونېزىيە ۋە تايلاندتىكى ئىككى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئارقا ـ ئارقىدىن كۆرسىتىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ھىندونېزىيە تىلى نۇسخىسى، تايلاند تىلى نۇسخىسى)دە جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نەقىل ئالغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھېكمەتلىك سۆز ـ جۈملىلىرى ۋە كىلاسسىك ھېكايىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مول ئەقىل ـ پاراسىتى جانلىق نامايان قىلىنغان.

«جۇڭگو، يېڭى مۇساپە» ناملىق كۆپ خىل تىلدىكى ھۆججەتلىك فىلىممۇ 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن باشلاپ تايلاند مىللەتلەر مىللىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، كامبودژا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھىندىستان News7 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، لائوس دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، نىگېرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، پاكىستان GNN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، سىرىلانكا ITN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق چەت ئەل تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا ئارقا ـ ئارقىدىن كۆرسىتىلدى.