بىرلىكتە جاھاندىكى داغدام يولدا مېڭىپ، پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش

日期:2022年11月14日
来源:天山网
【字体:

− رەئىس شى جىنپىڭ پات ئارىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ۋە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدىغان پەيتتە

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دەۋر ۋەزىيىتىدە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 17 ـ كۈنىگىچە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 ـ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، 11 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە تايلاندنىڭ باڭكوكقا بېرىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ.

خەلقئارا ۋەزىيەت چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي پەيتتە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ قەيەرگە بېرىپ، قەيەردە تۇرۇشىدىن ئىبارەت دەۋر تېمىسى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن كېتىۋاتقان جۇڭگونىڭ بۇ دۇنياغا قانداق تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، قانچىلىك ئىلگىرىلەش كۈچى قوشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىد كۈتمەكتە.

دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە رىشتە باغلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جاھاندىكى داغدام يولدا بىللە مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىد ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ.

جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى سىجىل داۋالغۇدى، دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك يەنىلا ئەۋج ئالدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ قېتىملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «ئورتاق جانلىنىش، كۈچلۈك جانلىنىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتتىكى مۇھىم، زور رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى بالى ئارىلى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن توققۇز يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، باراۋەرلىكنى ئاساس، ئېچىۋېتىشنى يۆنىلىش، ھەمكارلىشىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئورتاق بەھرىلىنىشنى نىشان قىلغان يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات مەسىلىسىنى يەرشارىۋى ماكرولۇق سىياسەت رامكىسىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ۋە ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى بويىچە ئالاقىلىشىش بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

«بىز خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ ئادىللىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى، سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەرقانداق بىر دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك.» 2021 ـ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى رىم باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىدا يۇقۇم يامراش، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇش، رەقەمدىكى ھاڭ ئەدەپ كېتىش قاتارلىق نۇرغۇن يەرشارىۋى خىرىسلارغا قارىتا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە نامايان بولماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، 2021 ـ يىلى ۋە 2022 ـ يىلى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈنسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىشقا كۈچلۈك ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى پەن جىۋېن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار تەشەببۇسلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈنۈملۈك لايىھە بىلەن تەمىنلىدى، كۆپ تەرەپچىللىك ئاساسىدا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

«20 دۆلەت گۇرۇھى يالغۇز 20 ئەزاغىلا تەۋە بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنياغا تەۋە. بىزنىڭ نىشانىمىز ئېشىش ۋە تەرەققىياتتىن بارلىق دۆلەت ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلاش!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016 ـ يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى سودا ـ سانائەت باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان بۇ سۆزى، تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس قاتارلىق كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ. «جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقاردى، ئۇ ھازىرقى ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيادا ئۈمىدنىڭ نۇرلۇق چىرىغى» دېدى ۋېنېزۇئېلا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر تەرەققىياتى ئالىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇدىرى لۇيىس دېلگارو.

ھىندونېزىيە گاجامادا داشۆسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى مۇھادى سۇجىئونو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققەتنى ئورتاق مەنپەئەتكە مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەم يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى ھەم شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېچىۋېتىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەش

«تاتلىقياڭيۇنىڭ پىلىكى تەرەپ ـ تەرەپكە سوزۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ تۈگۈنەك غولى باشتىن ـ ئاخىر ئاساسىي يىلتىز قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئوخشاش داۋلى شۇكى، مەيلى قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدا گۈللىنىدۇ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ.» 2016 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، پېرۇدا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ تاتلىقياڭيۇنى مىسال قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە سەمىمىيىتىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسى. جۇڭگو بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان 31 يىلدىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر سودا، سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد ـ تېخنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىۋېتىلگەن ـ سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان ـ ئاشۇرىدىغان، ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيەسى، تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم بايان قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئەزەلدىن نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش ئەمەس، بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان سىياسىي ئويۇن ئەمەس، بەلكى بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات سۇپىسى. «بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىگە قارىغانلىق» دېدى مالايسىيا يېڭى ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ كېڭەش باشلىقى شۈ چىڭچى.

جۇڭگو ـ لائوس تۆمۈريولى يۈك تىرانسپورت ۋوگزالى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان كامبودژا ـ جىنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، جۇڭگو بىلەن سىنگاپور خەلقئارا قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز سودىسى يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتتى... ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ قولاي بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلققە بەخت ياراتتى.

لائوس ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۇڭسەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو چىن كۆڭۈل، سەمىمىي نىيەت بىلەن لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

«رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىپ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بەردى... جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ئىرادىسى باشتىن ـ ئاخىر بىردەك، ھەرىكىتى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ. يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يەرشارىۋى زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇھىم ئىلھام ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ھىندونېزىيە ئالىمى بانباڭ سۇريونو.

ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى. جۇڭگو ـ لائوس كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ۋەنشياڭ ـ سەيسېتا تۆۋەن كاربونلۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ يوپۇقى رەسمىي ئېچىلدى، ۋىيېتنام جيالەي 300 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە شامال گېنېراتورىنى قۇراشتۇرۇش تاماملاندى، تايلاند سەييېپېڭ 107.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى توك بىلەن مۇقىم تەمىنلىدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئۆزىنىڭ يېشىل تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىلەن يېشىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، يېشىل بولۇشنى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشنىڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇردى.

تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ شىسامۇ مۇنداق دېدى: تايلاند تەرەپ يېشىل، سىغدۇرۇشچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلغان بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ جەمئىيەت ۋە مۇھىت نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

تەقدىرداش بولۇپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ھىندونېزىيە ۋەنلۇڭ دېكارلور ۋوگزالى. قىزىل ياقۇت رەڭگىدە سىرلانغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پويىزى ئاستا ـ ئاستا قوزغالدى، بۇ، جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى سىناق بۆلىكىنى تۇتاشتۇرۇش تورىدا قىزدۇرۇپ سىيرىلدۇرۇش سىنىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جاكارتا ـ ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى 2016 ـ يىلى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈرگە ئايلاندى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، جاكارتادىن ۋەنلۇڭغىچە بولغان يۈرۈش ۋاقتى ھازىرقى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن 40 مىنۇتقا قىسقىرايدۇ.

جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئورتاق مەنپەئىتى بىر ـ بىرىگە باغلانغان، ئىدىيە يولى تۇتاشقان، ئىستىقبالى، تەقدىرى چېتىلغان. رەئىس شى جىنپىڭ 2013 ـ يىلى ۋە 2015 ـ يىلى ھىندونېزىيەگە ئىككى قېتىم بېرىپ، بۇ يەردە دۇنياغا يۈزلىنىپ 21 ـ ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ يىل 7 ـ ئايدا، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو 5 ـ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار كېلەچىكىنى بىرلىكتە بېكىتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. 2021 ـ يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلنى تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈپ ئۆتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى «يەرشارىۋى دېڭىز ـ ئوكيان تايىنىش نۇقتىسى» تەسەۋۋۇرى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىنى جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا كىرگۈزدى. زۇڭتۇڭ جوكو مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ ھېسابلىنىدۇ».

جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. «جۇڭگو ـ تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بەش قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتكە كەلگەن تايلاند زۇڭلىسى بايۈنى كۈتۈۋالدى. 2020 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى بايۈ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جۇڭگو ـ تايلاند ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 2021 ـ يىلى 131 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2020 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33 ئاشتى؛ جۇڭگو ـ تايلاند تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛ تايلاند تۇنجى بولۇپ جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى پۇقرالار مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزگەن دۆلەت، تايلاندنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى جۇڭگو تور سۇپىلىرىدا كۆرسىتىلدى... جۇڭگو ـ تايلاند ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ـ ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، ئىككى دۆلەت جۇڭگو ـ تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى نىشان ۋە مەنزىل قىلىپ، «جۇڭگو ـ تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى»گە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قوشۇشقا قوشۇلدى. زۇڭلى بايۈ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بولغان ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تايلاند تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو ئەتراپىدىكىلەرنى مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.» مەيلى يۇقۇم ھۇجۇم قىلغاندا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى كۆپ جەھەتتىن قوللاش بىلەن تەمىنلەشتە بولسۇن، ياكى باشقا دۆلەتلەر تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشتا بولسۇن جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنى ئۇدا 19 يىل ئۆتكۈزۈشتىن لەنساڭجياڭ ـ مېيگۇڭخې ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، ئاندىن جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى... يېڭى دەۋردە جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قوشنىلار بىللە ياخشى ئۆتۈپ، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى» دەپ كۆرسىتىلدى ھەم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى»گە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو ـ ھىندونېزىيە، جۇڭگو ـ تايلاند قاتارلىق ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن جۇڭگو ـ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقىچە، يېڭى دەۋردە جۇڭگو دۇنيانى قەلبىگە پۈكۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ماسلىشىش، ئادالەتنى ياقلاش، بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىرادىسىدىن قايتماي بۇ ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىپ، جاھاندىكى توغرا يولدا يىراققا يۈرۈش قىلىش. ئۈمىدكە تولغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان جۇڭگو دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇزاققىچە تىنچ ئۆتىدىغان ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان داغدام يولنى ئېچىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ!

(مۇخبىرلار خەن مو، چېن شەن، جاۋ يەن، ليۇ زەن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)