شى جىنپىڭ «شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرىدە يازما سۆز قىلدى

日期:2022年11月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرىدە يازما سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلە. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى، شالغۇت شال جۇڭگودا ئالدى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ ھەم كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ، جۇڭگونىڭ يەرشارى بويىچە %9كە يەتمەيدىغان تېرىلغۇ يەردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىگە يېقىن نوپۇسنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئۈچىنچى چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى. 1979 ـ يىلىدىن باشلاپ، شالغۇت شال بەش قىتئەدىكى 70كە يېقىن دۆلەتتە تېرىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، يەرشارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەقدىرداش بولۇش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئاچارچىلىق، نامراتلىق بولمىغان دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

«شالغۇت شال ئارقىلىق چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ۋە دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» خەلقئارا مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.