شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەگە بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، تايلاندقا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ

日期:2022年11月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ زۇڭلىسى بايۈنىڭ تەكلىپى بويىچە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە تايلاند باڭكوكقا بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس قاتارلىق كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.