شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2022年11月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2022 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دەۋردە، رەقەملىك تېخنىكا دۇنيا پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىكى باشلامچى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، پۈتكۈل جەريانىغا كۈنسېرى سىڭىپ كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. رەقەملەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، بىخەتەر، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك بايلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، رەقەملىك ئىدارە قىلىش دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، رەقەملىك مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، رەقەملىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى كۈچلۈك بولغان، رەقەملىك ھەمكارلىقتا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يەرشارىۋى رەقەملىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

2022 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ شەھىرى ۋۇجېن بازىرىدا باشلاندى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «تور دۇنياسىنى ئورتاق قۇرۇش، رەقەملىك كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش − قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» بولۇپ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.