شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى

日期:2022年11月06日
来源:天山网
【字体:

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن ياۋروپا دۆلەت رەھبىرى، بۇ ھەم سىزنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىڭىز. زىيارەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغانلىقىدىن ۋە سىياسىي جاسارىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. 50 يىللىق مۇساپە شۇنى كۆرسەتتىكى، پەقەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى ئېغىپ كەتمەيدۇ، قەدەمنىمۇ ناھايىتى پۇختا ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى، قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو - گېرمانىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئەھمىيىتىنى نۇقتىلىق بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە نىشانى، لېكىن ھەربىر دۆلەت ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يول تاللىشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئورتاق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنى جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە ئوبيېكتىپ شارائىتى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى بەلگىلىگەن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيىتىدە ئېرىشكەن قانۇنىيەتلىك تونۇشى بەلگىلىگەن. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسىنى زورايتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ناھايىتى ئاسان، ئەمما قايتا تۇرغۇزۇش ناھايىتى قىيىن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا موھتاج. مەن گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سىمىتنىڭ «سىياسىيونلار ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىرىنى ئۈن - تىنسىز قوبۇل قىلىشى، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىنى جاسارەت بىلەن ئۆزگەرتىشى، بۇلارنىڭ پەرقىنى ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق ئېنىق ئايرىشى كېرەك» دېگەن قارىشىدىن ناھايىتى زوقلىنىمەن. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، لاگېرلار قارشىلىشىشى، پان ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈش قاتارلىق ئامىللارنىڭ كاشىلىسىنى ئورتاق توسۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىگىلەپ، ئىجابىي پوزىتسىيە ئارقىلىق ئەڭ چوڭ ئورتاقلىققا ئىنتىلىپ، ئېچىۋېتىش روھىي ھالىتى ئارقىلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم ئۆزىگە چەكلىمە قويۇۋالماي، ھەم قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە قاراتقان سىياسىتى يۈكسەك تۇرغۇنلۇق، ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلدى، گېرمانىيە تەرەپنىڭمۇ جۇڭگوغا قارىتا ئاكتىپ سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن 50 يىلدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمى 1000 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەت «تورت»ىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئاۋىياتسىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى، يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە قورۇقچىلىقنى توسۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى پۈتۈن يەرشارى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشىپ ياخشى قوغدىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز دەپ قارايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قوللايدۇ، ياۋروپانىڭ مۇقىم بولۇشى، گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ 3 - تەرەپكە قارىتىلماسلىقى، 3 - تەرەپكە بېقىنماسلىقى، 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، قىيىن بولغانسېرى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

شولىز مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل دەل گېرمانىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مەن تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، سىز بىلەن گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىمۇ مىسلىسىز يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاشلىق كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن يەرشارىۋى مەسىلىلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ مۇھىم ئىقتىساد - سودا ھەمراھى، گېرمانىيە تەرەپ قەتئىي تۈردە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قوللايدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوللايدۇ، «ئالاقىنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا قارشى تەرەپكە بېرىپ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى بىردەك بولمىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ مۇقىم قىلىش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. دۇنيا بىر كۆپ قۇتۇپلاشقان ئەندىزىگە موھتاج، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ رولى ۋە تەسىرى ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، گېرمانىيە تەرەپ لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ، سىياسىيونلار بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى زۆرۈر، دەپ قارايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ، ياۋروپا تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى ئورتاق قوللاپ، ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئاقىلانىلىك ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاشقا مۇراجىئەت قىلىپ، بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، سۆھبەتنى قايتا باشلاش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى كېرەك؛ يادرو قورالىنى ئىشلىتىشكە ياكى يادرو قورالىنى ئىشلىتىش تەھدىتى سېلىشقا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، يادرو قورالىنى ئىشلەتمەسلىك، يادرو ئۇرۇشى قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يادرو كىرىزىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئورتاق تىرىشىپ يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە، ئاشلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ كاشىلىغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مالىيە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ كىرىزىسقا ئۇچرىغان رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ قىشتىن ئۆتۈش قىيىنچىلىقىنى ئورتاق ھەل قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا شولىز ئۈچۈن زىياپەت ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.