مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2022年11月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىر قاتار سىياسىي لايىھە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، ئارمىيەمىزنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە قانۇننى رەتكە سېلىپ، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تۈپ تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شى جۇشىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، شى جۇشىنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، شى جۇشىنى خاتىرجەم قىلىش يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

«پىكىر»دە ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جۇشى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداش تەلەپ قىلىندى.

«پىكىر»دە يەنە پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ يۇقىرى قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا قارىتا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.