شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئىشتاتىدا ئاسما كۆۋرۈك ئۈزۈلۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇرمۇ، زۇڭلىسى مودىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

​لى كېچياڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئىشتاتىدا ئاسما كۆۋرۈك ئۈزۈلۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇرمۇ، زۇڭلىسى مودىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئىشتاتىدا بىر ئاسما كۆۋرۈك ئۈزۈلۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مودىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.