شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى ھەم داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى ھەم داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردى ھەم داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ھەيۋەتلىك ئالتۇن رەڭلىك زالدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، غايەت چوڭ قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدىكى «دوستلۇق ئوردېنى» سۈرىتى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭگو، ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى رەتلىك تىزىلغانىدى.

مۇراسىم باشلاندى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت قەدەم بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقىپ، بۆلۈنۈپ ئىككى تەرەپتە رەتلىك تۇردى.

مۇراسىم مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ بىرلىكتە زالغا كىردى. جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

شى جىنپىڭ بىلەن رۇەن فۇجۇڭ ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقتى.

ھەربىي ئوركېستىر ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش پەرمانىنى ئوقۇدى.

ھۆرمەت قاراۋۇللىرى «دوستلۇق ئوردېنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى.

ھۆرمەت كانىيى ياڭرىدى، شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا رۇەن فۇجۇڭغا ئوردېننى ئېسىپ قويدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ مۇستەھكەم ماركسىزمچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن يولدىشى ۋە سەمىمىي دوستى. باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەملەندى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۈنسېرى قويۇقلاشتى. «دوستلۇق ئوردېنى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە بولغان دوستلۇق ھېسسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە چوڭقۇر دوستلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئىنتىلىشتەك سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولىدىغان تەقدىرداش ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماۋ زېدۇڭ، خۇ جىمىڭ قاتارلىق ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

رۇەن فۇجۇڭ مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ئالىي شەرەپ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەمدە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىيېتنامنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ۋىيېتنامنىڭ ئۇزاق مۇددەت ۋىيېتنام - جۇڭگو دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىشىغا غايەت زور ئىلھام بولدى. مەن بۇ ئالىي شەرەپنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا ۋىيېتنام خەلقى بىلەن بىرلىكتە، سوتسىيالىزم يولىدا داۋاملىق مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كېلەچەكنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمەن. ۋىيېتنام - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئوردېن بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭ بىلەن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلەشتى.