جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلى مەخسۇس سان چىقىرىپ يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 21 - سانىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى»تېمىسىدىكى دوكلاتى مەخسۇس سان شەكلىدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى كاتىبات باشقارمىسى مەسئۇلىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى ئېلان قىلىنىدۇ.