شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان لۇلاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لۇيىز ئىناسىئو لۇلا داسىلۋاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە مەسئۇلىيەتكە ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 48 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. مەن جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان لۇلا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن، جۇڭگو - بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.