​«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە يول باشلىغۇچى كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى − پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2022年10月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە يول باشلىغۇچى كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى − پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە يول باشلىغۇچى كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى − پارتىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، يېڭى دەۋر مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە بىر مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك پەيتنى كۈتۈۋالدى −

2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا 24 كىشىدىن تەركىب تاپقان 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى، شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى؛ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر قارار قىلىندى؛ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەستىقلاندى.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش پەيتى يېتىپ كەلدى، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقتۇق.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: رول تۇتۇپ يول باشلاش، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى يارىتىش − باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە رول تۇتۇپ يول باشلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى، پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلدى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى؛ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشقا كۈچ چىقىرىش − پارتىيە ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۆزلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ نامزاتلىرىنى كېڭىشىش، نامزات كۆرسىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى؛ ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش − يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى نامزاتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشتەك روشەن ئەۋزەللىكى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى نامايان قىلدى؛ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، يېپيېڭى سەھىپە پۈتۈش − يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى پۈتۈن پارتىيەدىكى ھەرقايسى جەھەتلەردە مۇنەۋۋەر بولغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرىنى توپلىدى، ئۇلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا پۇختا قەدەم قويۇشقا يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدۇ.

ئېغىر ۋەزىپە زىممىمىزدە، پارلاق كەلگۈسى ئالدىمىزدا، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، 100 يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، يەنە مۇقەررەر ھالدا خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ!